ۋېنېتسىيە
مەشھۇر شەھەرلەر
دۇنيادا «ۋېنېتسىيە» دەپ نام ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەر بار، مەسىلەن، «شەرقتىكى ۋېنېتسىيە − سۇجۇ»، «ئاسىيا قىتئەسىدىكى ۋېنېتسىيە − باڭكوك»، «شىمالىي ياۋروپادىكى ۋېنېتسىيە − ستوكخولم» قاتارلىقلار، بۇلاردىن ۋېنېتسىيىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ۋېنېتسىيە ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى بىر داڭلىق سۇ شەھىرى، ئۇ ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ دېڭىز ساھىلىدىكى بىر ھىلال ئاي شەكلىدىكى لاگۇناغا جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئەتراپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرىدۇ، پەقەت غەربىي شىمالى ئۇچى ئۇزۇن توسما ئارقىلىق قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. «ۋېنېتسىيە» ئەسلىدە «ئەڭ تىنچ يەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەزكۇر شەھەر1400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.11 - ئەسىردىن13 - ئەسىرگىچە ۋېنېتسىيە قۇدىرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسىگە ئىگە بولۇپ، ياۋروپا بىلەن شەرق ئارىسىدىكى سودىنى كونترول قىلىپ تۇرغان.14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە گۈللىنىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ھەمدە ۋېنېتسىيىدە بايلىقلار كۆپىيىپ، سودىگەرلەر، دۆلەتمەنلەر، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئېپىسكوپلار بەس - بەستە ھەشەمەتلىك چېركاۋ، ئوردا قەسىرلەرنى سالدۇرغان، شۇڭا بۇ شەھەردە قەدىمىي يادىكارلىقلار ئىنتايىن كۆپ.
ۋېنېتسىيىنىڭ ھەممىلا يېرى سۇ بولۇپ، دەريالارنى كوچا قىلغان شەھەردۇر. شەھەردە ئۆزئارا گىرەلىشىپ جايلاشقان170 دىن ئارتۇق دەريا بار، بۇ دەريالار قۇرۇقلۇقنى110 دىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك ئاراللارغا ئايرىۋەتكەن. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن2 .3 كىلومېتىر، كەڭلىكى37 مېتىردىن70 مېتىرغىچە كېلىدىغان چوڭ - كىچىك قاناللار ھەرقايسى تاقىم ئاراللارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئۇسلۇبى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان قاتار كەتكەن قۇرۇلۇشلار بار. نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار خۇددى سۈزۈك سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەندەك كۆرۈنىدۇ، بەزى كىچىك ئارالدىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ، قوشنا ئارالدا ئولتۇرۇشلۇق «قوشنىسى» بىلەن پاراڭلىشالايدۇ. ھەرقايسى ئاراللار400 دىن ئارتۇق كۆۋرۈك ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان. تاش كۆۋرۈكلەرنىڭ ياسىلىش ئۇسلۇبى خىلىمۇخىل بولۇپ، ھەممىسى بەلگىلىك ئۆزگىچىلىككە ئىگە، بولۇپمۇ شەھەر مەركىزىدىكى رىياتو كۆۋرۈكى بىلەن «خۇرسىنىش كۆۋرۈكى» ئەڭ مەشھۇر. رىياتو كۆۋرۈكى16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياسالغان. بىر ئەگمىلىك مەرمەر كۆۋرۈكتۇر. كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى48 مېتىر، كەڭلىكى22 مېتىر كېلىدۇ، كۆۋرۈك مەركىزىدە بىر راۋاق، ئىككى يېنىدا قاتار كەتكەن دۇكانلار بار.
ۋېنېتسىيە كېمىنى ئاپتوموبىل ئورنىدا ئىشلىتىدىغان شەھەر، دەريادا خىلمۇخىل كېمىلەر بار، سۇ ئۈستىدىكى «ئاممىۋى ئاپتوموبىل» − قاتناش كېمىسىدۇر؛ شەخىسلەرنىڭ «پىكاپلىرى» − ماتورلۇق كىچىك كېمىدۇر؛ ھەر خىل «سۇ ئۈستى ماگىزىنى» - مال سېتىش كېمىلىرى، يەنە قۇتقۇزۇش كېمىسى، ئوت ئۆچۈرۈش كېمىسى، ئەخلەت كېمىسى، كۆڭۈل ئېچىش كېمىسى قاتارلىقلار بار. ھەر خىل كېمىلەر چوڭ - كىچىك دەريالار ئۈستىدە ئۇياقتىن - بۇياققا قاتناپ، سۇ شەھىرىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ۋېنېتسىيە شەھىرى قەدىمىي ئاسارئەتىقىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەنمۇ داڭلىق. ۋېنېتسىيە شەھىرىنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى ساينت مارك مەيدانىدا99 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قوڭغۇراق مۇنارى بار. مەيداننىڭ شەرقىدىكى باش ۋالىي ئوردىسى بىلەن ساينت مارك چېركاۋىنىڭ نەقىشلىرى نەپىس، ئىچى ھەشەمەتلىك ۋە چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ، ۋېنېتسىيىنىڭ قەدىمكى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ.1980
- يىلى مەملىكىتىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتى بولغان سۇجۇ شەھىرى ۋېنېتسىيە شەھىرى بىلەن دوستلۇق شەھىرى مۇناسىۋىتى ئورناتتى.