قاھىرە
مەشھۇر شەھەرلەر
ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر قاھىرە، ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، شۇنداقلا مەشھۇر ساياھەت شەھىرى.
قاھىرە دۇنيادىكى بىرىنچى ئۇزۇن دەريا − نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ ئۇچىغا يېقىن جايغا جايلاشقان، ئۇنىڭ شەرق، جەنۇب ۋە غەربىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرىپىنى سەھرايى كەبىر چۆلى ئوراپ تۇرىدۇ، ئىقلىمى قاتتىق ئىسسىق ھەم قۇرغاق بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە969 - يىلى، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بايقىلىشتىن ئىلگىرى قاھىرە ئەرەب ئىمپېرىيىسى فاتىمە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. »قاھىرە« ئەرەب يېزىقىدا »غەلىبە« دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.13 - ئەسىرگە كەلگەندە، شەھەر كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، داڭلىق سودا ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان.
قاھىرە ھەم ئەرەبلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبقا ئىگە كونا شەھەر، شۇنداقلا غەربچە ھازىرقى زامان قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بويىچە ياسالغان يېڭى شەھەر؛ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى بىلەن قەدىمكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى قاھىرەدىكى ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىكتۇر.
نىل دەرياسىغا پاراللېل جايلاشقان كونىچى كوچىسى قاھىرەنىڭ ئاساسلىق قاتناش لىنىيىسىدۇر، قاھىرەنىڭ شەھەر رايونى نىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرقىي قىرغىقى11 - ئەسىردىن16 - ئەسىرگىچە قۇرۇلغان كونا شەھەر رايونىدۇر، قاھىرەدىكى مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ يەرگە مەركەزلەشكەن، پەقەت قەدىمىي يادىكارلىقلا400 دىن ئارتۇق ئورۇندا بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە12 - ئەسىردە سېلىنغان سالاھىددىن قەلئەسى ۋە نۇرغۇن داڭلىق مەسچىتلەر، شۇنداقلا يەنە ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى دەۋر ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بازارلار بار، بازارلاردا مىس بۇيۇملار، توقۇلما بۇيۇملار، گىلەم، كەھرىۋا، خۇش پۇراق ماتېرىيال قاتارلىقلار بار بولۇپ، خالىغانچە تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. كونا شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەر پاكار، يوللار تار بولۇپ، قەدىمىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان.
نىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى19 - ئەسىردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلغان يېڭى شەھەر رايونىدۇر. يېڭى شەھەر رايونىدا ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ،187 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قاھىرە مۇنارىدىن پۈتۈن شەھەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. يېڭى شەھەر رايونىنىڭ كەڭ - كۇشادە يوللىرىدا ترامۋاي ۋە ئاپتوموبىللار قۇيرۇقى ئۈزۈلمەي قاتناپ تۇرىدۇ؛ كونا شەھەر رايونىنىڭ كوچىلىرىدا بولسا ئاندا - ساندا كېتىۋاتقان ئات ھارۋىلىرى بىلەن قۇملۇقلاردا ئالاھىدە قاتناش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۆگىلەرنىلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئىسلام دىنى مىسىرنىڭ دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. قاھىرەدىكى5 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ %80 تىن كۆپرەكى مۇسۇلمانلاردۇر. پۈتۈن قاھىرە شەھىرىدە1000 دىن ئارتۇق مەسچىت بار، مەسچىت مۇنارلىرى خۇددى شەھەر ئاسمىنىنى بېزەپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، بۇ قۇملۇقتىكى قەدىمىي پايتەختنىڭ يەنە «مۇنار شەھىرى» دېگەن نامىمۇ بار.
قاھىرەنىڭ غەربىي جەنۇبى شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ئېھرام بىلەن شىر تەنلىك ئادەم ھەيكىلى قاھىرەنى دۇنيادىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان تارىخىي مەشھۇر شەھەرگە ئايلاندۇرغان.