UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەھەرلەرپاناما شەھىرى

پاناما شەھىرى

مەشھۇر شەھەرلەر ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پاناما بوغۇزىدا «بىر دەريا ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان، بىر كۆۋرۈك ئىككى قىتئەنى تۇتاشتۇرىدىغان» شەھەر بار، ئۇ بولسىمۇ پاناما شەھىرىدۇر. بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا، بۇ يەر تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىي قىرغاق دېڭىز قولتۇقىدىكى بىر بېلىقچىلىق كەنتى ئىدى. كەنتتە شۇ يەرلىك ئىندىئانلار ياشايتتى.1519 - يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ يەرگە شەھەر قۇرۇشقا باشلىغان.17 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىغا كەلگەندە كونا شەھەر دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن، كېيىن شەھەرنىڭ ئەسلىي ئورنىنىڭ غەربىگە قايتىدىن يېڭى شەھەر قۇرۇلغان.1903 - يىلى پاناما كولۇمبىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ شەھەر پاناما جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان. پاناما بوغۇزىنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپى بىرقەدەر ئېگىز بولۇپ، ئىككى تەرىپىدىن ئوتتۇرىسىغا قاراپ بارا - بارا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، ئوتتۇرا قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئاران84 مېتىرلا كېلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل يەر شەكلىدىن پايدىلىنىپ،1881 - يىلىدىن باشلاپ پاناما شەھىرى ئەتراپىغا بوغۇزنىڭ جەنۇب - شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان پاناما قانىلى قېزىلغان. قانال قۇرۇلۇشىنى دەسلەپتە فرانسىيە شىركىتى ھۆددىگە ئالغان. فرانسىيە شىركىتى ۋەيران بولغاندىن كېيىن،1903 - يىلى ئا ق ش «پاناما قانىلى شەرتنامىسى» ئارقىلىق قانالنى قېزىش ۋە «مەڭگۈ ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىش» ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن. كېيىن، پاناما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، بۇنىڭ بىلەن1999 - يىلى پاناما ھۆكۈمىتى پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ھوقۇق - مەنپەئەتنى قايتۇرۇۋالغان. پاناما قانىلى1914 - يىل8 - ئاينىڭ15 - كۈنى پۈتكەن،1920 - يىلى رەسمىي قاتناش باشلانغان. قانالنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى3 .81 كىلومېتىر، كەڭلىكى150 مېتىردىن304 مېتىرغىچە كېلىدۇ، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى5 .12 مېتىر بولۇپ،40 مىڭ ~45 مىڭ تونناژلىق چوڭ پاراخوتلار قاتنىيالايدۇ. ئۇ جەنۇبتا تىنچ ئوكياندىن باشلىنىپ، شىمالدا كارىب دېڭىزىغىچە بارىدۇ، شۇڭا ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق سۇ يولى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئىككى ئوكيان قىرغىقى ئارىسىدىكى سۇ يولىنى5000 كىلومېتىردىن10000 كىلومېتىرغىچە قىسقارتقان. پاناما شەھىرىنىڭ غەربىدىكى قانال ئۈستىگە «ئا ق ش چوڭ كۆۋرۈكى» سېلىنغان بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە كۆۋرۈك ئارقىلىق ئۆتۈپلا بارغىلى بولىدۇ. پاناما قانىلىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، پاناما شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، قانال ترانسپورت ئىشلىرى ۋە قانال خىزمەتچىلىرى مۇلازىمىتى ئارقىلىق كىرىدىغان كىرىم پاناما شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسىدۇر.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەھەرلەر