UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەھەرلەرۋيېنا

ۋيېنا

مەشھۇر شەھەرلەر ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنا دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا، يەنى ئالپ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى كىچىك ئويمانلىققا جايلاشقان، مەزكۇر شەھەر تاغ - دەريالارغا تۇتاشقان شەھەر بولۇپ، ھەممە يېرىنى يېشىللىق قاپلاپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل، تەبىئىي مۇھىتى ئىنتاين كۆركەم، شۇڭا ئۇنىڭ «دۇناي دەرياسىدىكى ئىلاھە» دېگەن نامى بار. ۋيېنا ئۇزاق تارىخقا ئىگە داڭلىق شەھەر.18 - ئەسىردىن بۇيان ئۇ ياۋروپا كلاسسىك مۇزىكىلىرىنىڭ مەركىزى، ۋالىس مۇزىكىلىرىنىڭ يۇرتىغا ئايلانغان. داڭلىق مۇزىكا شەھىرى دەپ نام ئالغان ۋيېنادا نۇرغۇن تىياتىرخانا ۋە كىنوخانىلار بار، ھەر خىل مۇزىكا سارايلىرى شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان. ھەممىدىن داڭلىقى1869 - يىلى قەدىمكى رىم ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ۋيېنا دۆلەتلىك تىياتىرخانىدۇر. موزارت ۋە بېتخوۋىننىڭ ئەسەرلىرى ئەڭ دەسلەپتە مۇشۇ يەردە ئورۇندالغان،19 - ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ بارلىق داڭلىق ناخشا نوتىسى ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ مەزكۇر جايدا ئورۇندالغان.1945 - يىلى2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا بۇ تىياتىرخانا توپ - زەمبىرەك ئوتىدا ۋەيران بولغان،1955 - يىلى قايتىدىن ئەسلىدىكى پاسوندا سېلىنغان. ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ تىياتىر مەركىزى بولۇپ، بۇ يەردە ھەر يىلى مۇزىكا مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز ۋيېنا شەھىرىنى پىيادە ئايلانسىڭىز، مۇزىكىنىڭ بۇ شەھەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ھەممە يەردە دېگۈدەك كۆرەلەيسىز. شەھەردىكى نۇرغۇن كوچا، باغچە، تىياتىرخانا ۋە يىغىن زالى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۇنياغا مەشھۇر مۇزىكانتلارنىڭ نامىدا ئاتالغان؛ نۇرغۇن مەشھۇر مۇزىكانتلارنىڭ ھەيكەللىرى باغچە ۋە مەيدانلارغا تىكلەنگەن. ئىچكى ئايلانما يولدىكى شەھەر باغچىسىدا ئۇلۇغ مۇزىكانت جون. ستروۋسنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىسكىرىپكا چېلىۋاتقان قىياپىتىنى؛ ئىچكى ئايلانما يولنى بويلاپ ماڭسىڭىز، يەنە بېتخوۋىن، موزارت قاتارلىق مۇزىكا پېشۋالىرىنىڭ جەسۇرانە قىياپەتلىرىنى كۆرەلەيسىز. مۇزىكا پېشۋالىرى بۇ داڭلىق مۇزىكا شەھىرىدە كۆپ يىللىق مۇزىكا ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن. ۋيېنا شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدا قاتلاملار ئېنىق،415 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەر رايونى «ئۈچ ھالقا، بىر بەلۋاغ» قا بۆلۈنىدۇ. يەنى ئىچكى شەھەر رايونى، تاشقى شەھەر رايونى، شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە شايىدەك سوزۇلغان دۇناي دەرياسى رايونىدىن ئىبارەت. ئىچكى شەھەر رايونىنىڭ كوچىلىرى تار، بۇ يەرگە نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن تارىخىي قۇرۇلۇشلار جايلاشقان.19 - ئەسىردە شەھەر سېپىلىنى چېقىش ئاساسىدا ياسالغان ئايلانما يول (ئىچكى ئايلانما يول) نىڭ كەڭلىكى50 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى4 كىلومېتىر كېلىدۇ، يول بويىغا ھازىرقى زامان قۇرۇلۇشلىرى سېلىنغان. تاشقى شەھەر رايونى بولسا ۋيېنانىڭ ئەڭ ئاۋات سودا رايونى، شۇنداقلا ئاساسلىق تۇرالغۇ رايونى. تاشقى ئايلانما يولنىڭ جەنۇب ۋە شەرق تەرەپلىرى سانائەت رايونى؛ غەربىي شەھەر ئەتراپى رايونى ئورمانلىققا تۇتىشىدۇ، بۇ يەردە نۇرغۇن باغچە، ئوردا ۋە داچىلار بار، پەلەككە تاقاشقان بۇك دەرەخلىرى شەھەر ئەتراپىنى ئوراپ، دۇنياغا مەشھۇر «ۋيېنا ئورمانلىقى» نى ھاسىل قىلغان. تارىخىي مەشھۇر شەھەر ۋيېنا ئەزەلدىنلا شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپانىڭ مۇھىم يول ئېغىزى، بالتىق دېڭىزى بىلەن ئادرىياتىك دېڭىزى ئارىسىدىكى قاتناش ئۆتكىلى. ئۇ نيۇيورك ۋە جەنۋەدىن قالسا دۇنيادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورگىنى تۇرۇشلۇق ئۈچىنچى شەھەر.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەھەرلەر
ۋيېنا | UyghurWiki | UyghurWiki