بۇئېنوس ئايرېس
مەشھۇر شەھەرلەر
ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس ئايرېس ئىسپان تىلىدا «ھاۋاسى ساپ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەر ئەسلىدە لاپلاتا دەرياسى ئېغىزىدىكى بىر پارچە ئوتلاق ئىدى، ھازىر جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ شەھەرگە ئايلاندى.
بۇئېنوس ئايرېس شەھىرىنى پورتتىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئاقىدىغان بىر كىچىك دەريا بىلەن شەھەر ئەتراپىنى ئايلاندۇرۇپ ياسىغان تاشيول ئوراپ تۇرىدۇ. پۈتۈن شەھەرنىڭ يوللىرى كەڭ ھەم رەتلىك، كوچىلىرى خۇددى كاتەكچە سخېما شەكلىدە بولۇپ، پۈتۈن شەھەر بىر شاھمات تاختىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەر ئىككى تۆت كوچا ئېغىزى ئارىسىدا ئايرىم - ئايرىم نومۇر قويۇلغان100 ئىشىك بار. »جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پارىژ« دەپ نام ئالغان بۇ شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرى زەپەر دەرۋازىسىنى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارىژ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، نۇرغۇن داڭلىق چوڭ كوچىلىرى مەشھۇر «25.5» مەيدانىنى مەركەز قىلغان ھالدا رادىئاتسىيە شەكلىدە تۆت تەرەپكە تارقىلىپ جايلاشقان. مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە «ئەتىرگۈل ئوردىسى» دەپ ئاتىلىدىغان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بار.1810 - يىل5 - ئاينىڭ25 - كۈنى بۇ مەيداندا يىغىن ئېچىلىپ ئىسپانىيە مۇستەملىكە باش ۋالىيسىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالغانلىقى، ئارگېنتىنا ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. شۇڭا، بۇ مەيدان «25.5» مەيدانى دەپ ئاتالغان. بۇ يەردىن غەربكە قاراپ يىغىن مەيدانىغىچە بولغان ئارىلىق شەھەردىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك «7 - ئاينىڭ9 - كۈنى چوڭ كوچىسى» دۇر. بۇ كوچا1816 - يىل7 - ئاينىڭ9 - كۈنى ئارگېنتىنانىڭ مۇستەقىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياسالغان، كوچىنىڭ كەڭلىكى140 مېتىر كېلىدۇ، يول ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنلۇقى6 .1 كىلومېتىر كېلىدىغان كۆكەرتىلگەن بەلۋاغ بار. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە پۈتۈن شەھەردىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ئاسمان - پەلەك ئېگىز بىنالار سېلىنغان. كوچىنىڭ شىمالىدا ئېگىزلىكى72 مېتىر كېلىدىغان مۇستەقىللىق خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ مەزكۇر شەھەرنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇئېنوس ئايرېستا40 تىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ، نۇرغۇنلىغان مۇزېي، كۇتۇپخانا، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شۇنداقلا مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بار، ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى ئىللىق، تۆت پەسلى ئېنىق، شەھەردىكى دەل - دەرەخلەر يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ئالتۇن كۈز مەزگىلى بۇ يەرنىڭ دەل باھار پەسلىدۇر.