UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەھەرلەرنيۇيورك

نيۇيورك

مەشھۇر شەھەرلەر ئا ق ش نىڭ نۇرغۇن كىتاب - ژۇرناللىرىنىڭ مۇقاۋىسىدا بېشىغا گۈل تاج كىيگەن، ئوڭ قولىدا مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرگەن، سول قولىدا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى تۇتقان بىر ئايال ئىلاھ ھەيكىلىنىڭ سۈرىتىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، مانا بۇ نيۇيوركتىكى ئەركىنلىك ئارىلىغا تىكلەنگەن ئەركىنلىك ئايال ئىلاھ ھەيكىلى. ئۇ ئا ق ش نىڭ سىمۋولى. نيۇيورك ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى خۇدسون دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ.1609 - يىلى گوللاندىيىگە قاراشلىق غەربىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ئامېرىكىلىق خېنرى. خۇدسون ئەڭ بۇرۇن بۇ يەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان.1626 - يىلى گوللاندىيىلىكلەر شۇ يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ قولىدىن مانخاتتان ئارىلىنى ئەرزان باھادا سېتىۋالغان.1664 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر مانخاتتان ئارىلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نامىنى «نيۇيورك» قا ئۆزگەرتكەن، ئۇ ئىنگلىز تىلىدا «يېڭى يورك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئەنگلىيىدە ئەسلىدە «يوركشىر» دېگەن يەر بار ئىدى. نيۇيورك ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە پورتى. ئۇ مانخاتتان، برونكس، برۇكلىن، كۋېنس ۋە رىچموند قاتارلىق بەش نىسپىي مۇستەقىل رايوندىن تەركىب تاپقان، كۆلىمى830 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.7 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادلىرى، داڭلىق جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا150 مىڭ جۇڭگولۇق بار؛ بۇ يەردىكى ئىتالىيىلىكلەر ۋېنىتسىيىلىكلەردىنمۇ كۆپ. كىشىلەرنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى خىلمۇخىل بولۇپ، ھەر خىل ئىرقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بار. شەھەر مەركىزىدىكى مانخاتتان رايونى نيۇيوركنىڭ سودا - سانائەت مەركىزى، شۇنداقلا ئەڭ ئاۋات رايونى. دۇنيانىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولغان خۋال كوچىسى ئۇنىڭ جەنۇبى قىسمىدا. خۋال كوچىسى ئۇزۇنلۇقى ئارانلا54 .0 كىلومېتىر، كەڭلىكى11 مېتىر كېلىدىغان كوچا، بىراق كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاسمان - پەلەك ئېگىز بىنالار قۇياش نۇرىنىڭ كوچىغا چۈشۈشىنى يىل بويى توسۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر بۇ كوچىغا كىرسىڭىز، خۇددى تار جىلغىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. ئا ق ش دىكى مونوپول گۇرۇھلار بىلەن ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ يەردە مەركىزىي ئورۇنلىرى بار، ھەرقايسى ئاكسىيە بىرژىسى بۇ يەردە سودا قىلىدۇ. مانخاتتاننىڭ شەرقىدىكى دەريا ساھىلىدا ھېچقانداق دۆلەتكە تەۋە بولمىغان «خەلقئارالىق زېمىن» بار، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى تۇرۇشلۇق ئورۇن.1951 - يىلى بۇ يەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەھىرى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى39 قەۋەت كېلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات بىناسى، بىنانىڭ شىمالىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىن زالى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق يىغىن زاللىرى بار. نيۇيورك شەھىرىدە نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېت، موزېي، كۇتۇپخانا، پەن تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە سەنئەت مەركەزلىرى بار، ئۇ ھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات - نەشرىيات مەركىزىدۇر. پۈتۈن شەھەردە تەخمىنەن90 خىل كۈندىلىك گېزىت،700 خىلدىن ئارتۇق ھەپتىلىك ژۇرنال بار. مەملىكەتتىكى ئىككى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى (ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بىلەن قوشما شتاتلار خەلقئارا ئاگېنتلىقى) مۇشۇ شەھەردە. نيۇيوركتا نەشر قىلىنىدىغان كىتابلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەشر قىلىنىدىغان كىتابلارنىڭ4 /3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئا ق ش دىكى ئۈچ چوڭ رادىئو تورىنىڭ باش شىركەتلىرى نيۇيورك شەھىرىدە، شەھەردە قاتار - قاتار ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، چوڭ - كىچىك كوچىلاردا پىكاپلار توختىماستىن قاتناپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەھەرلەر