UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەھەرلەرئېرۇسالېم

ئېرۇسالېم

مەشھۇر شەھەرلەر دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي پايتەخت ئېرۇسالېم يەھۇدىي دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ئۈچ دىننىڭ مۇقەددەس جايى، ئۇ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پەلەستىن رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا. شەھەر رايونى تۆت كىچىك ئېدىرلىققا جايلاشقان، كۆلىمى158 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەردىن ئىبارەت. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى3000 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئەرەبلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، كېيىن ئېبۇس دۆلىتىنىڭ پادىشاھى مەيكىرشىد بۇ يەرگە قورغان سالدۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىنى «ئېرۇسالېم» دەپ ئاتىغان، ئۇ «تىنچلىق شەھىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەرەبلەر بۇ شەھەرنى «بەيتۇلمۇقەددەس» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن، بۇ سۆز «مۇقەددەس شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈنكى ئېرۇسالېم شەھىرى يېڭى ۋە كونا شەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. غەربىي قىسمىدىكى يېڭى شەھەر19 - ئەسىردىن باشلاپ يېڭىدىن قۇرۇلغان زامانىۋىلاشقان شەھەر رايونىدۇر. شەرقىي قىسمىدىكى چاسا شەكىلدە كەلگەن كونا شەھەر رايونىدا ئاساسلىق دىنىي خارابىلىكلەر ساقلىنىپ قالغان. ئومۇمەن بۇ شەھەردە ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنغان شەخس، ۋەقەلىك ۋە ئالاقىدار جايلارغا مۇناسىپ كېلىدىغان چېركاۋ ۋە ئىستىقامەتخانىلار بار. ئېرۇسالېم ئۈچ چوڭ دىننىڭ مۇقەددەس جايى بولغاچقا، بۇ مۇقەددەس جاينى تالىشىش يۈزىسىدىن مەزكۇر يەردە كۆپ قېتىم ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئۇرۇشلار بولۇپ، بۇ يەر18 قېتىم تۈپتۈز قىلىۋېتىلگەن، بىراق ھەر قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن شەھەر قايتا قۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەم بالايىئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان، ھەم ئىززەت - ئىكرامغا سازاۋەر بولغان تارىخىي قەدىمىي شەھەرگە ئايلانغان. يەھۇدىي دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاسارئەتىقىسى سولومون مۇقەددەس قەسرىدۇر. قەسىرنىڭ ئۇزۇنلۇقى200 مېتىر كېلىدۇ، كەڭلىكى100 مېتىردىن ئاشىدۇ، سىرتقى كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، ئىچىنىڭ بېزىلىشى ئىنتايىن ئېسىل، ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي پائالىيەت مەركىزىدۇر. كېيىن، بۇ مۇقەددەس قەسىر بىرقانچە قېتىم بابىلونلۇقلار ۋە رىملىقلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. مۇقەددەس شەھەرنى رىملىقلار ئىگىلىۋالغان يىللىرى، يەھۇدىيلار دائىم مۇقەددەس قەسىرنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىلگەن تېمى يېنىغا كېلىپ ھۆڭرەپ يىغلىغان، شۇڭا بۇ تام «يىغا تېمى» دەپ ئاتالغان. «يىغا تېمى» يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇھىم سەجدە قىلىدىغان يېرى، ئۇ بىردىنبىر يەھۇدىي دىنى ئاسارئەتىقىسىدۇر. خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ كۆڭلىدە يېرۇسالېم خرىستوس ئىسا پەيغەمبەرنىڭ ئازاب - ئوقۇبەت تارتقان ھەم ئەرشكە چىقىپ كەتكەن يېرى. «ئىنجىل» دا ئېيتىلىشىچە، ئىسا پەيغەمبەر ئېرۇسالېمدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر تاغ ئۆڭكۈرىدە تۇغۇلغان، ياش ۋاقتىدا ئېرۇسالېمدا بىلىم ئالغان، دىنىي ئەقىدىلەرنى سۆزلىگەن، ئۆزىنى دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دېگەن، كېيىن يەھۇدىي دائىرىلىرى كرېست جازىغا مىخلاپ ئۆلتۈرگەن، ئۇنىڭ جەسىتى شەھەر سىرتىغا دەپنە قىلىنغان،40 كۈندىن كېيىن ئەرشكە چىقىپ كەتكەن دېيىلگەن. شۇڭا، خرىستىئان دىنىمۇ ئېرۇسالېمنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايى دەپ كەلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى1947 - يىلى ئېرۇسالېمنى خەلقئارالىق شەھەر، ھەرقايسى دىنىي مەزھەپنىڭ مۇرىتلىرى بۇ يەرگە كېلىپ ھەج تاۋاپ قىلسا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ دەپ قارار ماقۇللىغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەھەرلەر
ئېرۇسالېم | UyghurWiki | UyghurWiki