UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەھەرلەرلېيپزىگ

لېيپزىگ

مەشھۇر شەھەرلەر لېيپزىگ گېرمانىيىنىڭ داڭلىق شەھىرى، شىمالدا بېرلىن بىلەن بولغان ئارىلىقى165 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى141 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى تەخمىنەن600 مىڭ. لېيپزىگ ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان، ئوتتۇرا ئەسىردىلا شەرق ۋە غەربنىڭ سودا مەركىزى ئىدى.1170 - يىلىدىن باشلاپ سودا خاراكتېرلىك قەرەللىك بازار پەيدا بولغان، مانا بۇ لېيپزىگ يەرمەنكىسىنىڭ دەسلەپ باشلىنىشىدۇر.15 - ئەسىرگە كەلگەندە لېيپزىگ يەرمەنكىسى ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان مەركەزگە ئايلانغان.2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ يەرنىڭ يەرمەنكە ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ۋەيران بولۇپ، تاۋار ئالماشتۇرۇش بىر مەھەل توختاپ قالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن1946 - يىلىغا كەلگەندە يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش يەنە ئەسلىگە كەلگەن. لېيپزىگ يەرمەنكە ئورنىنىڭ كۆلىمى350 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، يىلىغا ئىككى قېتىم يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدۇ:3 - ئايدا ئەتىيازلىق يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ چاغدا ئاساسلىقى سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇنىۋېرسال بۇيۇملار يەرمەنكىگە سېلىنىدۇ؛9 - ئايدا كۈزلۈك يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ چاغدا يەرمەنكىگە نۇقتىلىق ھالدا يېنىك سانائەت بۇيۇملىرى بىلەن خىلمۇخىل ئىستېمال بۇيۇملىرى سېلىنىدۇ. لېيپزىگ يەنە داڭلىق «كىتاب شەھىرى».15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا بۇ يەر نېمىس تىل - يېزىقىدىكى رايونلارنىڭ مەتبۇئات مەركىزى ئىدى. ھازىر لېيپزىگدا100 دىن ئارتۇق ئەسلىھەلىرى سەرخىل باسما زاۋۇتى بار، باسما سۈپىتى دۇنياغا داڭلىق. پۈتۈن شەھەردىكى600 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئىچىدە مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ سانى20 ~30 مىڭغا يېتىدۇ.1914 - يىلىدىن باشلاپ لېيپزىگدا ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرماقتا. خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى شەھەر مەركىزىدىكى يەرمەنكە بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كىتاب سودىگەرلىرى بىلەن نەشرىيات خادىملىرى مۇشۇ يەردە يەرمەنكىگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ. لېيپزىگ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى مۇزىكىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسكىرىپكا قاتارلىق سازلارنى چالالايدۇ. بۇ يەر گېرمانىيە كونسېرتىنىڭ بۆشۈكى. «لېيپزىگ» دېگەن سۆز قەدىمكى سلاۋ تىلىدا «پىپالا دەرىخى تىكىلگەن جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ ھەممىسىدىلا قويۇق ئۆسكەن فىكۇس دەرىخىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەر قېتىم گۈللەر ئېچىلغان مەزگىلدە پۈتۈن شەھەرنى گۈللەرنىڭ خۇش پۇراق ھىدى قاپلاپ، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. لېيپزىگدا خەلقئارا يەرمەنكىدىن سىرت، شەھەردە يەنە قەدىمىي ئوردا، لېنىننىڭ كونا تۇرالغۇسى، دىمىتروۋ مۇزېي، لېيپزىگ ھايۋانات باغچىسى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەھەرلەر
لېيپزىگ | UyghurWiki | UyghurWiki