UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەھەرلەرستوكخولم

ستوكخولم

مەشھۇر شەھەرلەر شۋېتسىيە پايتەختى ستوكخولم شۋېتسىيىنىڭ شەرقىدىكى مالارېن كۆلىنىڭ بالتىق دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان كۆل ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆل بىلەن دېڭىز ئارىلىقىغا تارقىلىپ جايلاشقان22 ئارال ۋە قىسمەن قۇرۇقلۇقتىن تەركىب تاپقان، كۆلىمى186 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سۇ يوللىرى شەھەر رايونىنى ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، نەچچە ئون كۆۋرۈك سېلىنىپ، كۆل ۋە دېڭىز ئۈستىدىكى ئاراللار قورۇقلۇق بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، شەھەر ئىچىدە ھەم ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قەدىمىي قۇرۇلۇشلىرى بار، ھەم ھازىرقى زاماننىڭ قاتار - قاتار كەتكەن ئېگىز بىنالىرى بار بولۇپ، بىر - بىرىنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ؛ كۆپكۆك دېڭىز بىلەن ئەگرى - بۈگرى، ئېگىز - پەس تار يوللار بىرىكىپ ئۆزئارا بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. پۈتۈن شەھەر خۇددى سۇ يۇرتى مەنزىرىسى ئەكس ئەتكەن بىر پارچە ماي بوياق سۈرەتكە ئوخشايدۇ. بۇ داڭلىق شەھەر ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى شىمالىي ياۋروپادا بولغاچقا، »شىمالدىكى ۋېنېتسىيە« دېگەن نامغا ئېرىشكەن. مەنزىرىسى گۈزەل ستادس ئارىلى (شەھەر ئارىلى) بولسا كونا شەھەر تۇرۇشلۇق ئورۇن. بۇ يەردە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قۇرۇلۇشلىرى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان. شەھەرنىڭ شىمالىدىكى پادىشاھ ئوردىسى18 - ئەسىردە سېلىنغان، بۇ ئوردىنىڭ ئىچكى بېزىلىشى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك، تاملىرىدا نەپىس ئىشلەنگەن قاپارتما رەسىملەر بار. ھازىرمۇ ئوردىدا مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى ھەر كۈنى چۈشتە يەنىلا قەدىمكى ئەنئەنە بويىچە ساياھەتچىلەرگە پوست ئالمىشىش مۇراسىمىنى كۆرسىتىدۇ. شەھەر مەركىزىدىكى سەرگېر مەيدانى دەل كونا شەھەرنىڭ شىمالىدا. مەيداننىڭ مەركىزىدە ئىنتايىن چوڭ فونتان كۆلچىكى بار. كۆلچەك ئوتتۇرىسىدا ئېگىزلىكى تەخمىنەن40 مېتىر كېلىدىغان80 مىڭدىن ئارتۇق ئەينەك پارچىسىدىن قۇراشتۇرۇلۇپ ياسالغان چوڭ بىر تۈۋرۈك بار، ئۇ قۇياش نۇرى ۋە چىراغلارنىڭ نۇرىدا ئاجايىپ رەڭدار تۈستە كۆرۈنىدۇ. مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىدىكى پادىشاھ يولى، خانىش يولى ۋە سۋىيا كوچىلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈن شەھەردىكى ئەڭ ئاۋات سودا رايونىدۇر. بۇ يەردە ھازىرقى زامان كەيپىياتى بىلەن قەدىمىي تۈس ئالغان كونا شەھەر روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، مەيدان ئاستىدا ناھايىتى چوڭ يەر ئاستى سودا سارىيى ۋە يەر ئاستى تۆمۈر يول مەركىزىي بېكىتى بار بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر »دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن يەر ئاستى سەنئەت كارىدورى« دەپ ئاتىشىدۇ. ستوكخولمنىڭ »كېمە ئارقىلىق بازار ئارىلايدىغان« ۋېنېتسىيىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ستوكخولمنىڭ يەر ئاستى تۆمۈريوللىرى دېڭىز ئاستىدىن ئۆتۈپ ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، ئۇ شۇ يەرنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالىدۇر. مەركىزىي بېكەت ئۈستى، ئوتتۇرىسى ۋە ئاستىدىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، ھەربىر قەۋەتنىڭ ھەممىسىدىلا ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا يولۇچىلار يەر ئاستى پويىزىغا چىقىپ چۈشەلەيدۇ. شەھەر مەركىزىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پادىشاھ ئارىلىنىڭ شەرقىي ئۇچى شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇشلۇق ئورۇن. شەھەر مەمۇرىيىتىدىكى ئېگىزلىكى105 مېتىر كېلىدىغان مۇنارنىڭ ئۇچىدا ئۈچ ئالتۇن رەڭلىك خان تاجى بار، ئۇ ستوكخولمنىڭ سىمۋولى. پادىشاھ ئوردىسىغا يېقىن جايدا يەنە «جۇڭگو سارىيى» ۋە «بېيخەي ساۋتاڭ» بار. بېيخەي ساۋتاڭ جۇڭگو ئۇسلۇبىدا ياسالغان باغچە بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش تەرەپدارلىرى رەھبىرى كاڭ يۇۋېي ۋۇشۈي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چەت ئەلدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن مەزگىلىدە ياسىغان. ستوكخولم يەنە مەنزىرىلىك ساياھەت شەھىرى. كونا شەھەر قاتارلىق مەشھۇر جايلاردىن سىرت، «ھايۋاناتلار باغچىسى ئارىلى» دىكى سكونسېن باغچىسىدا يەنە بىر ئۈستى ئوچۇق مۇزېي بار. بۇ مۇزېيغا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىللىرىدىكى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتا سېلىنغان دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇسى، چېركاۋلار ۋە چاقپەلەك قاتارلىق قۇرۇلۇش ۋە قوراللار يىغىنچاقلانغان. ئەگەر سىز دېھقانلار تۇرالغۇسىغا كىرسىڭىز، مىللىيچە كىيىنگەن «ئايال ساھىبخانلار» ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا سىزنى قارشى ئالىدۇ ھەم سىزگە رەخت توقۇش قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى كۆرسىتىدۇ، قىزىقارلىق ئۆرپ - ئادەتلەرنى تونۇشتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەھەرلەر
ستوكخولم | UyghurWiki | UyghurWiki