UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر مائارىپچىلارشۈي تېلى

شۈي تېلى

مەشھۇر مائارىپچىلار شۈي تېلى (1877 −1968 ) جۇڭگونىڭ داڭلىق پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، پېداگوگى. ئۇ شىنخەي ئىنقىلابى، ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. «1 - ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا ۋە قىزىل ئارمىيىنىڭ25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپىرىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا باشتىن - ئاخىر ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان. ئۇ ھاياتىدا مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى بولغان، مەركىزىي ھۆكۈمەت سوۋېت رايونى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ تېخى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. شۈي تېلى مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىگە ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن. بالىلىق چاغلىرىدا خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇپ، جۇڭگو فېئودال مائارىپىدىكى ئۆلۈك ھالدا كونا كىتابلارنى ئوقۇتۇشنىڭ زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، كىتابىي بىلىملەرنى ئىنقىلابنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن، «ئۆيگە سولىنىۋېلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كاتتا كىتابلارنى ئوقۇش، قۇلىقىنى يوپۇرۇۋېلىپ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر يۈرۈش» كە قارشى تۇرغان. ئۇ يەنە ئىقتىدارلىقلارنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇشىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم - پەن بىلىملىرىنىلا ئۆگىتىپ قالماي، بەلكى يەنە ئادەم بولۇشنىمۇ ئۆگىتىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلارنىڭ مەكتەپلەرنى شەخسىي مۈلكى قىلىۋېلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپ سىرتىدا قالدۇرغانلىقىغا قاتتىق نەپرەت ئوقۇپ، مەكتەپلەرنى ئەمگەكچى خەلققە داغدام ئېچىۋېتىشنى، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشنى، كەچلىك كۇرسلارنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەينى چاغدا فرانسىيىدە ئوقۇپ كەلگەن، ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغان، كاتتا زىيالىي ھېسابلىنىدىغان شۈي تېلى يۇقىرى ئەمەل تۇتۇپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە تامامەن ئېرىشەلەيتتى. ئەمما، ئۇ ئاڭلىق ھالدا جاپالىق ئىنقىلابىي كۈرەشكە ئاتلىنىپ، جۇڭگو زىيالىيلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالغان. شۈي تېلى1937 - يىلى60 ياشقا كىرگەندە، ماۋ زېدۇڭ ئۇنىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ «ئىنقىلابنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، باشقىلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش» تەك ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلىتىنى تەرىپلىگەن.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر مائارىپچىلار