UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر مائارىپچىلارماكارېنكو

ماكارېنكو

مەشھۇر مائارىپچىلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق پېداگوگ ماكارېنكو (1888 −1939 )17 يېشىدىن باشلاپلا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن گوركىينى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، يېڭى مائارىپ ئىدىيىسى ۋە مائارىپ ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە خىزمەت قىلغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ماكارېنكو سەرگەردان بالىلار ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بالىلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن، پولتاۋادا «گوركىي ئىشلىگەن ئوقۇش ئۆمىكى» نى قۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئادەمنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ كىشىلەرنىڭ جىسمىدا قالدۇرغان كىر - داغلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش، كىشىلەرنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش گوركىي ئەسەرلىرىنىڭ بىزگە ئۆگەتكەنلىرىدۇر.» مانا بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر ئۆمەكنى قۇرۇشىدىكى مەقسىتى ئىدى. ئۇ بۇ ئۆمەكنىڭ جاپالىق ئەمەلىيىتىدىن مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ۋە سەرسان - سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن تۈركۈم - تۈركۈم بالىلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىچە ئادەملىرى قىلىپ تەربىيىلەپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خېلى كۆپ بالىلار كېيىن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، رەسسام، ئالىملاردىن بولۇپ قالغان، بەزىلىرى ئىلغار ئىشلەپ چىقارغۇچى، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى بولغان. كېيىن، ماكارېنكو ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دزېرژىنسكىيدا كوممۇنا قۇرغان. لېكىن، سوتسىيالىزم يولىنى ئاچقۇچى نۇرغۇن ئىنقىلابچىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ئىسلاھاتىمۇ بەزىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كوممۇنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئوڭۇشسىزلىققا تىز پۈكمەي، گوركىينىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە يېتەكلىشى ئارقىسىدا، ئۆزىنىڭ15 يىللىق مائارىپ تارىخىنى ئەدەبىيات ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ يەكۈنلەشكە باشلىغان. ئۇ10 يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق «پېداگوگىكىلىق پوئېما» ناملىق ئەسىرىنى پۈتكۈزۈپ ئېلان قىلغان، بۇ ماكارېنكونىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنىڭ ھەقىقىي كارتىنسىسى ئىدى. ماكارېنكو «پېداگوگىكىلىق پوئېما» ۋە باشقا ئەسەرلىرىدە، ئۆزى ياراتقان مائارىپ تەجرىبىلىرىنى كوللېكتىپ مائارىپى، ئىنتىزام مائارىپى ۋە ئەمگەك مائارىپىدىن ئىبارەت «ئۈچ مائارىپ» نىڭ يىغىندىسى دەپ يىغىنچاقلاپ چىققان. ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: كوللېكتىپ دېگەنلىك، نۇرغۇن يەككە ئادەمنىڭ ئاددىي ھالدا توپلىنىشى بولماستىن، بەلكى ئورتاق كۈرەش نىشانى بار ئادەملەر توپىدۇر. كوللېكتىپ ئىنتىزام ئارقىلىق زىچ باغلانغان بولىدۇ، ئۇ بىر توپنىڭ روھى ۋە ئوبرازىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. ئەمگەك تەربىيىسىدە، ئەخلاق بىلەن بىلىم ئۆزئارا بىرلەشكەن ئەمگەكلا تەربىيە خاراكتېرىگە ئىگە بولالايدۇ. ماكارېنكو «ئۈچ تەربىيە» دە بىر ئادەمدىن ئىمكانقەدەر كۆپرەك تەلەپ قىلىش، شۇنداقلا ئۇنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت تەربىيىلەش پرىنسىپىنى باشتىن - ئاخىر تەكىتلەپ كەلگەن. ماكارېنكو ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دەپ يازغان: «مەن30 يىللىق مائارىپ ھاياتىمدا200 مىڭ سائەت جىددىي خىزمەت قىلىپ،3000 دىن ئارتۇق بالىنى تەربىيىلەپ چىقتىم.»
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر مائارىپچىلار
ماكارېنكو | UyghurWiki | UyghurWiki