UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر مائارىپچىلارسەي يۈەنپېي

سەي يۈەنپېي

مەشھۇر مائارىپچىلار بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نامسىز كۆلنىڭ بويىدا سەي يۈەنپېينىڭ ھەيكىلى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك زات، مەشھۇر پېداگوگ سەي يۈەنپېينى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىكلىگەن ئابىدە. سەي يۈەنپېي (1868 −1940 ) جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ دېگەن يېرىدىن. ياشلىق دەۋرىدە ئىدىيىسى ئىنتايىن ئىلغار بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھاكىمىيىتىدىن رازى بولمىغاچقا، خەنلىنيۈەندىكى ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن دادىللىق بىلەن ئىستېپا بېرىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.1901 - يىلى شاڭخەيگە كېلىپ جەنۇبىي ئوكيان مەكتىپى ئالاھىدە سىنىپىنىڭ باش يېتەكچىسى بولغاندىن ئېتىبارەن ئىزچىل تۈردە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىنقىلاب ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەتەنپەرۋەرلىك مەكتىپى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزلار مەكتىپى قۇرۇپ، زوراۋانلىق ئىنقىلابى قوزغاپ، فېئوداللىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئوقۇغۇچىلارغا ئىنقىلاب نەزەرىيىسى ۋە ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۆگەتكەندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ھەربىي تەلىم - تەربىيىگە قاتناشقان. سەي يۈەنپېي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى مائارىپ مىنىستىرى بولغان. ئۇ «گۈزەللىك تەربىيىسىنى دىننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» نى تەشەببۇس قىلىپ، ئىلغار مائارىپ ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان مەزگىلىدە، مەكتەپنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ساقلانغان قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق قىلمىشلىرىغا ۋە ئىلىم - ماھارەت ئۆگەنمەيدىغان ناچار كەيپىياتقا قارشى تۇرۇپ، يېڭى ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپتە «ئىدىيىدە ئەركىن بولۇش، ھەممىنى سىغدۇرۇش» فاڭجېنىنى يولغا قويغان. ئەينى چاغدىكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرس مۇنبىرىدە چېن دۇشيۇ، چيەن شۈەنتۇڭ، خۇ شىغا ئوخشاش يېڭى ئېقىمدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ، گۇ خۇڭمىڭ، خۇاڭ كەنگە ئوخشاش كونىلىق تەرەپدارى ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بەس - مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق يېڭى ئىدىيىۋى ئېقىم، يېڭى تەلىماتلارنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قىز ئوقۇغۇچىلارنى رەسمىي قوبۇل قىلغان، بۇنى جۇڭگونىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئالەمشۇمۇل كاتتا ئىش دېيىشكە بولاتتى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كونا مەدەنىيەت قورغىنىدىن تەدرىجىي ھالدا يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكىگە ئايلىنىشى سەي يۈەنپېينىڭ بىرقاتار دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇ «ئىلىم ساھەسىدىكى گىگانت ئادەم، ئىلىم ئەھلىنىڭ ئۈلگىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر مائارىپچىلار
سەي يۈەنپېي | UyghurWiki | UyghurWiki