UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر مائارىپچىلارخېربارت

خېربارت

مەشھۇر مائارىپچىلار يوھان فرىدىرىخ خېربارت (1776 −1841 ) گېرمانىيىلىك داڭلىق پېداگوگ، ئەنئەنىۋى مائارىپ نەزەرىيىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، باسقۇچلۇق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىش بىلەن دۇنياغا داڭق چىقارغان. خېربارت ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان، تۈرلۈك يېڭى ئىدىيىلەر بىلەنمۇ كەڭ ئۇچراشقان.14 يېشىدا فېئوداللىققا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىگە تولغان «ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى» ناملىق ئىلمىي ماقالىنى يازغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن زىيالىيغا ئوخشاش ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ بالىلارنى ئوقۇتۇش داۋامىدا بارا - بارا مائارىپقا ئىشتىياق باغلاپ قالغان، ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلىرىنى باشلاپ ئەينى چاغدا يىراق - يېقىنغا نامى تارقالغان شۋېتسارىيە پېداگوگى پېستالوززىنى زىيارەت قىلغان.1806 - يىلى «ئادەتتىكى پېداگوگىكا» دېگەن كىتابنى يازغان ھەمدە كيونىگسبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى مائارىپ تەتقىقات ئورنىنى قۇرغان. خېربارت ئۇزاق مۇددەتلىك نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا، پسىخىكا ئىلمى ئاساس قىلىنغان بىر خىل يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش جەريانى مۇكەممەل بىر قۇرۇلما بولۇشى كېرەك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق تەرەققىيات باسقۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تاللاش كېرەك، دەپ قارىغان ھەمدە تۆۋەندىكىدەك «تۆت باسقۇچلۇق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى» نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان: كېيىن، خېربارتنىڭ ئوقۇغۇچىسى شىللى قاتارلىق كىشىلەر بۇ خىل باسقۇچلۇق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «تەييارلىنىش، ئېسىگە ئېلىش، باغلانما تەسەۋۋۇر قىلىش، يەكۈنلەش، قوللىنىش» تىن ئىبارەت بەش قەدەملىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ خىل ئۇسۇل ئىزچىل تۈردە ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنىڭ ئۆلچەملىك ئەندىزىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى، دەرسلىك ۋە دەرسخانىدىن ئىبارەت «ئۈچ مەركەز» نىڭ رولى تەكىتلەنگەن. خېربارتنىڭ ئوقۇتۇشنى پسىخىكىلاشتۇرۇش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسى يېقىنقى زاماندىكى ئوقۇتۇش خىزمىتى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ھازىرقى زامان ئىلىم - پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى زامانغا تازا ئۇيغۇنلىشىپ كېتەلمىدى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر مائارىپچىلار
خېربارت | UyghurWiki | UyghurWiki