UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر مائارىپچىلاردېۋېي

دېۋېي

مەشھۇر مائارىپچىلار يوھان دېۋېي (1859 −1952 ) ئامېرىكىلىق داڭلىق پەيلاسوپ ۋە پېداگوگ، قوللىنىشچان (پراگماتىزملىق) پەلسەپە ۋە ئىلغار (پروگرېسسىۋىزملىق) مائارىپنىڭ ۋەكىلى.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئامېرىكىنىڭ سانائەتلىشىشى ۋە شەھەرلىشىشى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا ۋە سىنىپىي مۇناسىۋەتتە زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. ئەمما، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىن ۋارىسلىق قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن كونىچە مائارىپ ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە يەنىلا ھۆكۈمران ئورۇن تۇتۇپ كەلگەچكە، مەكتەپلەردە تەربىيىلىنىپ چىققانلار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالمىدى. دېۋېي بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ ئەنئەنىۋى مائارىپنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ ئەنئەنىۋى مائارىپتىكى دەرسخانا پەقەت ئوقۇغۇچىلاردىن جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاشنىلا تەلەپ قىلىدىغان ئورۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس، «بىر سائەتلىك دەرس ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خىل جاپالىق سېلىقتىن ئىبارەت» دەپ قارىغان. ئۇ يەنە، كونىچە مەكتەپلەردە بالىلارغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ، بالىلار مېخانىك ھالدا بىر يەرگە يىغىپ قويۇلىدۇ، مىجەز - خاراكتېرى، ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان بالىلارغا بىرلا خىل دەرس ئۆتۈلىدۇ، بىرلا خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، مەكتەپلەر ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇۋالىدۇ، دەرسلىك ۋە باشقا جەھەتلەردە بالىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىقتىدارى تولۇق نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. دېۋېي مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر مائارىپتا قوبۇل قىلماقچى بولغان ئۆزگىرىش مەركەزنى يۆتكەشتۇر. بۇ بىر خىل ئىسلاھات، بىر خىل ئىنقىلاب، خۇددى كوپېرنىك ئاسترونومىيىنىڭ مەركىزىنى يەر شارىدىن قۇياشقا يۆتكىگەندەك ئىنقىلاب. بۇنداق بولغاندا، مەكتەپلەردە بالىلار قۇياشقا ئايلىنىدۇ، مائارىپنىڭ بارلىق تەدبىرلىرى ئۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئايلىنىدۇ. بالىلار مەركەز، مائارىپ تەدبىرلىرى ئۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدا يولغا قويۇلۇشى كېرەك». ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: «ئەڭ ياخشىسى، مەكتەپلەرنى بالىلار ھەقىقىي تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك»، «ھەربىر مەكتەپنى ئىپتىدائىي شەكىلدىكى بىر خىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك». بالىلار بۇ يەردە ئاساسلىقى «ئىش قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلىدۇ». دېۋېي بالىلار مەركەز قىلىنغان مائارىپ ئىدىيىسى مائارىپ تارىخىدىكى بىر مەيدان ئىنقىلاب، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدە مەكتەپلەرنىڭ سىستېمىلىق بىلىم بېرىش رولىغا سەل قاراشتەك يېتەرسىزلىك بار ئىدى. دېۋېينىڭ مائارىپ ئىدىيىسى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر مائارىپچىلار
دېۋېي | UyghurWiki | UyghurWiki