UyghurWiki
UyghurWikiمەدەنىيەت بوشۇقلىرىقەدىمكى رىم

قەدىمكى رىم

مەدەنىيەت بۆشۈكلىرى قەدىمكى رىم مەيدانىغا ئاجايىپ بىر برونزا ھەيكەل − ئىككى ئوغۇل بوۋاقنى ئېمىتىۋاتقان ئانا بۆرە ھەيكىلى تىكلەپ قويۇلغان. بۇ ھەيكەل رىمنىڭ پەيدا بولۇش ۋە رىم شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى رىۋايەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، رىم شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى رومۇلۇس بىلەن رىمۇس − ئانا بۆرە ئېمىتىپ چوڭ قىلغان ئاشۇ ئاكا - ئۇكىنىڭ تۆھپىسى ئىكەن. ئۇلار قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى تروي قەھرىمانلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى753 - يىلى رىم شەھىرىنى قۇرغان. بۇ پەقەت بىر رىۋايەتتىنلا ئىبارەت خالاس، ئەمەلىيەتتە رىم شەھىرىنى تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىردە ئىتاليانلار قۇرغان. رىم شەھىرى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تىبېر دەرياسى ئېغىزى ئەتراپىغا جايلاشقان. تىبېر دەرياسى ئېغىزى شارائىتى ئىنتايىن ئەۋزەل بىر پورت بولۇپ، بۇ رىمنى ناھايىتى قۇلايلىق دېڭىزغا چىقىش يولىغا ئىگە قىلغان. رىم شەھىرى دەريا بويىدىكى تاغ باغرىغا بىنا قىلىنغان، تاغ ۋە دەرياغا يېقىن بولغاچقا، مۇداپىئە كۆرۈشكە ئاسان بولۇپ، تاشقى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمايتتى. رىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تارىخى ئاساسەن دېگۈدەك رىۋايەتلەردىن ئىبارەت. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىرگە كەلگەندىلا، رىم ئاندىن يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تارىخىي دەۋرگە كىرىشكە باشلىغان. ئاشۇ چاغدا، سېرۋى تۇللىئۇس دېگەن كىشى (تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى578 −534 - يىللار) بىر قېتىملىق زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئاساسىدىكى ئىپتىدائىي دېموكراتىك تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، مال - مۈلۈك ۋە زېمىننى ئايرىشنى ئاساس قىلغان ئاقسۆڭەكلەر دىكتاتورىلىقىدىكى دۆلەتنى قۇرغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى509 - يىلى رىمدا »پادىشاھلىق ھاكىمىيەت« بىكار قىلىنىپ، جۇمھۇرىيەت دەۋرى باشلانغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ھوقۇقىنى تامامەن باراۋەر بولغان ئىككى »كونسۇل« باشقۇرغان. كونسۇل پۇقرالار كېڭىشىنىڭ سايلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلەتتى، بىر يىل ۋەزىپە ئۆتەيتتى، لېكىن ئاقسۆڭەكلەرلا كونسۇللۇقنى ئۈستىگە ئالالايتتى. ئۇرۇش قاتارلىق جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندىلا، بارلىق ھەربىي، مەمۇرىي ھوقۇقنى تەنھا ئىگىلەيدىغان «دىكتاتور» (مۇستەبىت دېگەن مەنىدە) تەيىنلەيتتى. دىكتاتورنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئالتە ئايدىن ئاشمايتتى. رىم جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە، كونسۇلنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى قىسقا ھەم بىر - بىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ھوقۇقى ئىنتايىن چەكلىك ئىدى، ئەمەلىي ھوقۇق ئاقسۆڭەكلەر كونتروللۇقىدىكى سېنات (تۆھپىدارلار پالاتاسى) نىڭ قولىدا بولاتتى. سېناتنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى بەلگىلەش، قانۇن لايىھىسىنى قاراپ چىقىش ۋە تەستىقلاش، خام چوتنى كونترول قىلىش ۋە دۆلەت مۈلكىنى تەقسىملەش ھوقۇقى بولاتتى. ئاقسۆڭەكلەر سېناتنى كونترول قىلىۋالغاچقا، ئاددىي پۇقرالار دۆلەت ھاكىمىيىتىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەنىدى، شۇ سەۋەبتىن رىم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىلا ئاددىي پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈرىشى ئەۋج ئالغانىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى494 - يىلى ئاددىي پۇقرالار كۈرەش قىلىش ئارقىلىق خەلق پاسىبانى سايلاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. خەلق پاسىبانى ئاددىي پۇقرالار ئىچىدىن سايلىناتتى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئاددىي پۇقرالارنى قوغداش ئىدى. خەلق پاسىبانىنىڭ سېنات ۋە كونسۇل ئېلان قىلغان ئاددىي پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇن - پەرمانلارنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولاتتى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى دەخلىسىز بولۇپ، ھەرقانداق كىشى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايتتى. ئەڭ دەسلەپتە خەلق پاسىبانى ئىككى كىشى ئىدى، كېيىن10 كىشىگە كۆپەيتىلدى. رىم جۇمھۇرىيىتىدە ئەڭ دەسلەپتە ئادەت قانۇنى يولغا قويۇلغان بولۇپ، قانۇنلارنى ئىزاھلاش ھوقۇقى ۋە ئەدلىيە ھوقۇقى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قولىدا ئىدى، شۇڭلاشقا ئاددىي پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ناھايىتى قىيىن ئىدى. ئاددىي پۇقرالارنىڭ تەلىپى بىلەن، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى454 - يىلى رىم سېناتى يازما قانۇن تۈزۈشكە قوشۇلدى ھەم ئافېناغا سولون تۈزگەن يېڭى قانۇنلارنى تەتقىق قىلىشقا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى450 - يىلى ئەتراپىدا، رىمدا تۇنجى يازما قانۇن تۈزۈلگەن. بۇ قانۇن12 پارچە مىس تاختىغا ئويۇلغاچقا، «12 مىس تاختا قانۇنى» دەپ ئاتالغان. «12 مىس تاختا قانۇنى» كېيىن رىم قانۇن سىستېمىسى، يەنى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى قانۇن سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى. رىم دۆلىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى تىبېر دەرياسى بويىدىكى بىر كىچىك شەھەر جۇمھۇرىيىتى ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى4 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، رىم زور كۆلەملىك كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قوزغىدى، يېرىم ئەسىردىن ئۇزاق ۋاقىت بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق ئاخىر شىمالىي قىسمىدىكى پو دەرياسىدىن باشقا، پۈتكۈل ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈردى، قەدىمكى رىم تارىخىمۇ مۇشۇ يەردە ئۈزۈلۈپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار مەدەنىيەت بوشۇقلىرى