ئافېنا
مەدەنىيەت بۆشۈكلىرى
ئافېنا قەدىمىي يۇناندىكى بىر مۇھىم شەھەر دۆلىتى، ئىلگىرى پادىشاھلىق تۈزۈم، ئاقسۆڭەكلەرچە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى قاتارلىق ھۆكۈمرانلىق شەكىللىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئافېنادا مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى4 - ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتلارغا كەلگەندىلا ئاندىن دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈلمە تىكلەنگەن، بۇ خىل تۈزۈلمە پېرىكل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردە ئەڭ گۈللەنگەن.
ئافېنادا يولغا قويۇلغان بىۋاسىتە دېموكراتىيە تۈزۈمى دېگەندە، بارلىق پۇقرالار سىياسىيغا بىۋاسىتە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئافېنا دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈلمىسى ئاۋام كېڭىشى،500 كىشىلىك كېڭەش، زاسېداتىللار قاتناشقان سوت ۋە10 سەركەردە كومىتېتى قاتارلىق بىر قاتار ئورگاندىن تەشكىل تاپقان.
پۇقرالار كېڭىشى ئافېنا دۆلىتىدىكى ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، كېڭەش ئەزالىرى20 ياشقا توشقان بارلىق پۇقرالار ئىدى. پۇقرالار كېڭىشىنىڭ ئۈستىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەمەلىي ھوقۇقلۇق ئورگان مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. دۆلەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى پۇقرالار كېڭىشىگە مەنسۇپ ئىدى، پۇقرالار كېڭىشى ئادەتتە ھەر توققۇز كۈن ئەتراپىدا بىر قېتىم، بىر يىلدا تەخمىنەن40 قېتىم چاقىرىلاتتى. پۇقرالار كېڭىشى كېڭەش قاتناشقۇچىلىرى ئىچىدىكى كۆپ سانلىقلارنىڭ رايىغا بېقىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىراتتى. شەرتنامە تۈزۈش، ئۇرۇش قىلىش ياكى تىنچلىقنى بەلگىلەش، ئەمەلدارلارنى سايلاش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قانۇن تۇرغۇزۇش، پەرمان چۈشۈرۈش قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق زور مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە پۇقرالار كېڭىشى قارار چىقىرىشى كېرەك ئىدى.500
كىشىلىك يىغىن پۇقرالار كېڭىشى يېپىق مەزگىلدە دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان دائىمىي ئورگان ئىدى. ئۇنىڭ ئەزالىرى30 ياشقا توشقان بارلىق پۇقرا ئارىسىدىن چەك تارتىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىلاتتى. يىغىن ئەزالىرى ھەر يىلى قايتىدىن سايلىناتتى، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، زور كۆپ سانلىق پۇقرالار ئۆمرىدە500 كىشىلىك يىغىنغا ئەزا بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى.500 كىشىلىك يىغىن يەنە ئەمەلدارلارنى سايلاشقا مەسئۇل بولۇپ، پۇقرالار كېڭىشىگە لايىھە تەييارلاپ، كۈندىلىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇراتتى.
زاسېداتىللار قاتناشقان سوت ئافېنانىڭ ئالىي سوتى بولۇپ، ئەرزىيەت دېلولىرىنى قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئەمەلدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى باشقۇراتتى ۋە بېلەت تاشلاپ دۆلەت قانۇنىنى بىكار قىلىش ۋە تىكلەشنى قارار قىلاتتى. بۇ سوتنىڭ سودىيىسى زاسېداتىل دەپ ئاتىلاتتى، زاسېداتىللار30 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار ئىچىدىن چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سايلىناتتى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايتتى، جەمئىي6000 نەپەر كىشى زاسېداتىللىققا سايلىناتتى.
ئافېنانىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى10 سەركەردە بولۇپ، «10 سەركەردە كومىتېتى» دەپ ئاتىلاتتى. ئافېنادا سەركەردە ۋە ئاركوندىن ئىبارەت ئىككى ئەمەلدارلا پۇقرالارنىڭ بېلەت تاشلاپ سايلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلەتتى، باشقا ئەمەللەر بىردەك چەك تارتىش ئارقىلىق قارار قىلىناتتى. چۈنكى سەركەردە جەڭگە قوماندانلىق قىلىدىغان بولغاچقا، ئىقتىدارلىق بولۇشى لازىم ئىدى. ئاركوننىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، قايتۇرۇشقا مەلۇم ساندا ئائىلە مۈلكى بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئافېنانىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىدە بارلىق پۇقرالار دۆلەتنى بىۋاسىتە ئىدارە قىلاتتى، بىراق ئافېنا پۇقرالىرى بارلىق ئافېنا ئاھالىلىرىنى كۆرسەتمەيتتى، قۇللار، ئازاد قىلىنغان قۇللار ۋە باشقا شەھەر پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى. دەسلەپتە، پۇقرالارغا مال - مۈلۈك سالاھىيىتى چەكلىمىسى بار ئىدى. پۇقرالار سىنىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پۇقرالار كېڭىشى،500 كىشىلىك يىغىن، زاسېداتىللار سوتى ۋە چەك تارتىش ئارقىلىق سەركەردە، ئاركوندىن باشقا بارلىق ئەمەلدارلارنى سايلايدىغان بۇ خىل دېموكراتىك تۈزۈم بارلىق پۇقرالارنىڭ دۆلەتنى بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. شۇڭلاشقا، دېموكراتىك تۈزۈم يۈرگۈزۈلگەن ئافېنادا بارلىق پۇقرالار دۆلەتنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى ئىدى.