UyghurWiki
UyghurWikiمەدەنىيەت بوشۇقلىرىقەدىمكى مېسوپوتامىيە مەدەنىيىتى

قەدىمكى مېسوپوتامىيە مەدەنىيىتى

مەدەنىيەت بۆشۈكلىرى نىل دەرياسىدىكى مىسىر مەدەنىيىتىدىن باشقا، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر ئاپىرىدىگاھى مېسوپوتامىيىدۇر. «مېسوپوتامىيە» قەدىمكى گرېكچە سۆز بولۇپ، ئىككى دەريانىڭ ئارىلىقىدىكى جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىككى دەريا — تگر ۋە ئېفرات دەرياسى بولۇپ، بۇ دەريالارنىڭ سۈيى تەخمىنەن ھازىرقى ئىراق جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى. ئىككى دەريا ۋادىسىدىن ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتنى بۇنىڭدىن6000 يىلدىن كۆپرەك بۇرۇنقى دەۋرگە سۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ رايون ھازىرقى باغداد شەھىرىنى چېگرا قىلىپ، جەنۇب ۋە شىمال دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. شىمالىي قىسمى قەدىمكى ئاسسۇرىيە شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، سىلېسىيە (ياكى ئاسسۇرىيە) دەپ ئاتالغان، جەنۇب قىسمى بابىل شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، بابىلونىيە دەپ ئاتالغان. بابىلونىيە يەنە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن، جەنۇبىي قىسمىدىكى پارس قولتۇقى ئېغىزىغا تۇتىشىدىغان رايونلار سۇمېر، سۇمېرنىڭ شىمالىدىكى رايونلار ئاككاد دەپ ئاتالغان، ئىككى جايدىكى ئاھالىلەر ئايرىم - ئايرىم سۇمېرىئانلار ۋە ئاككادىئانلار دەپ ئاتالغان. مېسوپوتامىيە مەدەنىيىتىنى ئەڭ دەسلەپتە سۇمېرىئانلار مۇشۇ جايدا ياراتقان. سۇمېرىئانلار مىسىرلىقلار بىلەن بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك يېزىق ئىجاد قىلغان. ئۇلار ئۇچلانغان قومۇشلارنى قەلەم قىلىپ، يېزىقنى لاي كېسەكلەرگە يېزىپ ئويغان، ئاندىن يېزىق ئويۇلغان لاي كېسەكلەرنى قۇرۇتۇپ، لاي تاختاي قىلىپ ساقلىغان، بۇ خىل لاي تاختىلارغا ئويۇلغان يېزىقنىڭ شەكلى شىنا شەكلىگە ئوخشىغاچقا، «مىخ يېزىق» دەپ ئاتالغان. بۇ خىل يېزىق كەڭ قوللىنىلغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «قەدىمكى شەرقنىڭ لاتىن يېزىقى» دەپ ئاتىغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2007 - يىلى، ئامۇلىلىقلار ئىككى دەريا ۋادىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئاككاد، سۇمېرىئانلار قۇرغان ئۇر خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1894 - يىلى ئەتراپىدا، ئامۇلىلىقلار ئېفرات دەرياسى بويىدىكى بابىل شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، بىر يېڭى پادىشاھلىق قۇرغان، بۇ پادىشاھلىق تارىختا «قەدىمكى بابىل پادىشاھلىقى» دەپ ئاتالغان. بۇ يېڭى پادىشاھلىق ئىككى دەريا ۋادىسىنى تېزلىكتە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇدرەتلىك ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. يەنى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كىشىلەر مېسوپوتامىيىنى «بابىلونىيە» («بابىلنىڭ زېمىنى» دېگەن مەنىدە) دەپ؛ بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقانلار (ئاككادىئانلار، سۇمېرىئانلار، ئامۇلىلىقلار) نى «بابىلۇنىئانلار» دەپ ئاتىغان. قەدىمكى بابىل پادىشاھلىقى دەۋرى ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ شانلىق دەۋرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پادىشاھلىقتا خاممۇرابى ئىسىملىك بىر مەشھۇر پادىشاھ (تەپسىلاتىنى خەنزۇچە538 - بەتتىن كۆرۈڭ) ئۆتكەن. خاممۇرابى (ئىككى دەريا ۋادىسىنى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇپ، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن مۇستەبىت ئىمپېرىيىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ دىنىي ھوقۇق، ھەربىي ھوقۇق، مەمۇرىي، ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ھوقۇقى قاتارلىق چوڭ ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن. بۇ غايەت زور ئىمپېرىيىگە ئۈنۈملۈك ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ مەشھۇر «خاممۇرابى قانۇنى» نى ئېلان قىلغان. بۇ قانۇن جەمئىي282 ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ،25 .2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر قارا تاش تۈۋرۈككە ئويۇلغان. بۇ قانۇن دۇنيادا ھازىرغىچە تېپىلغان قانۇنلار ئىچىدىكى بىرقەدەر مۇكەممەل يازما قانۇن ھېسابلىنىدۇ. خاممۇرابى ئۆزىنىڭ قانۇن تۈزۈشتىكى مەقسىتى «دۆلەتتە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئورنىتىپ»، پۇقرالارنىڭ «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشى» نى توسۇش ئۈچۈن دەپ جاكارلىغان. بىراق قانۇندا قۇللار، يېرىم ئەركىن پۇقرالار ۋە ئەركىن پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئورنىنىڭ باراۋەر ئەمەسلىكى بەلگىلەنگەن، شۇڭلاشقا، ھەر خىل ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادالەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. قەدىمكى بابىل پادىشاھلىقى خاممۇرابى دەۋرىدە ئەڭ گۈللەنگەن بولسىمۇ، بىراق سەلتەنەت دەۋرى ئۇزاق داۋاملاشمىغان. خاممۇرابى ئۆلگەندىن كېيىن، ئىمپېرىيە چاك - چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن، كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خىتتىتلار، كاستېلار (特西喀) نىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى729 - يىلى، قەدىمكى بابىل پادىشاھلىقى ئاخىر ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى غايەت زور دۇنياۋى ئىمپېرىيە بولۇپ، ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنى ۋە مەدەنىيىتى ئىككى دەريا ۋادىسى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى612 - يىلى، چالدېلىقلار مىدىيىلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. چالدېلىقلار قۇرغان ئىمپېرىيە قايتىدىن بابىل شەھىرىنى پايتەخت قىلغان، تارىختا «يېڭى بابىل پادىشاھلىقى» دەپ ئاتالغان. بۇ پادىشاھلىق نابوخودونوسور Ⅱ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەڭ گۈللەنگەن، نابوخودونوسور Ⅱ ئېرۇسالېمنى ئىككى قېتىم ئىشغال قىلىپ، يەھۇدىي پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، زور تۈركۈمدىكى يەھۇدىيلارنى بابىلدىن قوغلاپ چىقارغان. مانا بۇ «ئىنجىل» دا ئېيتىلغان «بابىل تۇتقۇنلىرى» دۇر. نابوخودونوسور Ⅱ يەنە بابىل شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇشقا پەرمان چۈشۈرۈپ، سۈنئىي تاغلاردىن بىر ھەشەمەتلىك باغچە ياساتقان، بۇ دەل قەدىمكى دەۋردىكى دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى «مۇئەللەق باغچە» دۇر. يېڭىدىن قۇرۇلغان بابىل شەھىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ھەم ھەشەمەتلىك بولۇپ، كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى.100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن، يۇنان تارىخشۇناسى ھېرودوت بابىل شەھىرىگە بارغاندا، ئۇنى يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر دەپ ئاتىغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يېڭى بابىل پادىشاھلىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان پېرسىيە دۆلىتى پەيدىنپەي قۇدرەت تاپقان ھەمدە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى538 - يىلى يېڭى بابىل پادىشاھلىقىنى مۇنقەرز قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، قەدىمكى ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى مەدەنىيەت بىر مۇستەقىل گەۋدە سۈپىتىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان.
← بارلىق تېمىلار مەدەنىيەت بوشۇقلىرى