UyghurWiki
UyghurWikiمەدەنىيەت بوشۇقلىرىئېگېي مەدەنىيىتى

ئېگېي مەدەنىيىتى

مەدەنىيەت بۆشۈكلىرى ئېگېي مەدەنىيىتى يەنە كرىت - مىكېنى مەدەنىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ مەدەنىيەت مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى20 - ئەسىردىن12 - ئەسىرگىچە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئېگېي دېڭىزىدىكى ئاراللار، گرېتسىيە يېرىم ئارىلى ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىدا مەۋجۇت بولغان ياۋروپا تۇچ (برونزا) دەۋرى مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ بايقىلىشى بىر ئاجايىپ - غارايىپ ئەپسانە ۋە بىر بالىنىڭ بۇ ئەپسانىگە بولغان ئەبەدىي ئېتىقادىنى مەنبە قىلىدۇ. بۇ ئەپسانە يۇناننىڭ ئەما شائىرى ھومېر يازغان «ئىلىئادا» ۋە «ئودىسسا» ئىدى، ھېلىقى بالا كېيىن نامى دۇنياغا تارقالغان گېرمانىيە سودىگىرى سىلېيمان ئىدى. سىلېيمان كىچىك ۋاقتىدىلا ھومېر داستانلىرىغا قىزغىن ئىشتىياق باغلايدۇ ھەمدە داستاندا تەسۋىرلەنگەن تروي ئۇرۇشى قاتارلىق ھېكايىلەر ھەقىقەتەن بولۇپ ئۆتكەن ئىنسانىيەت تارىخى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ، مۇشۇ جەڭنىڭ خارابىسىنى تېپىشقا ئىرادە باغلايدۇ. ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن،1870 - يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن بىر قېتىملىق مۆجىزىلىك ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ ھومېر داستانلىرىدا تەسۋىرلەنگەن تروي شەھىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قېزىش ئورنىنى بېكىتىدۇ، دەرۋەقە ئۇ شۇ جايدىن بىر قەدىمكى شەھەر خارابىسىنى قېزىپ چىقىدۇ. كېيىن ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشى ئارقىلىق ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە كرىت ئارىلىدا بارلىققا كېلىپ، كېيىن گرېتسىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە كىچىك ئاسىياغا تارقالغانلىقى ئىسپاتلاندى.1900 - يىلى، ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ ئىۋېنىس كنوسسوستا رىۋايەتلەردىكى مىنۇس پادىشاھلىقىنىڭ ئوردىسى (خارابىسى) نى بايقايدۇ. بۇ ئوردا ئىككى گېكتارغا يېقىن يەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، خان ئوردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كەڭ ئىچكى ئوردا بار ئىدى، نەچچە يۈز ئېغىز ئۆي ئىچكى ئوردىنى ئوراپ سېلىنغانىدى. ئۆيلەرنىڭ ئارىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ ياسالغان پەشتاق ۋە كارىدورلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى بىر سىرلىق ئوردىغا ئوخشاش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە نەچچە مىڭ پارچە يېزىق ئويۇلغان لاي تاختىنى تاپتى. لاي تاختىلاردىكى يېزىقلار يىپسىمان سىزىقچىلاردىن تەركىب تاپقان بولغاچقا، يىسپىمان يېزىق دەپ ئاتالدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1700 - يىلىدىن1400 - يىلىغىچە، كرىت مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىپ ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكەن. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1400 - يىلى، كنوسسوس ئوردىسى ۋە ئارالدىكى باشقا ئوردىلار تۇيۇقسىز ۋەيران قىلىنغان، ۋەيران قىلىنىش سەۋەبى تا ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كرىت مەدەنىيىتى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىكى مىكىنايغا يۆتكەلگەن. مىكىناي (مېكىن) مەدەنىيىتى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1580 - يىلىدىن1200 - يىللارغىچە) دە، ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى − غايەت زور تاشلاردىن قوپۇرۇلغان قەلئەلەر. قەلئەنىڭ ئۇدۇل ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە ھەيۋەتلىك ئىككى شىر نەقىشلەنگەن بولغاچقا، شىر قوۋۇقى دەپمۇ ئاتالغان. شىر قوۋۇقى تۆت پارچە غايەت زور تاشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ياسالغان. ئەڭ چوڭ تاشنىڭ ئېغىرلىقى20 توننا كېلىدۇ. يىراق قەدىمكى دەۋردىكى ئەجدادلارنىڭ زادى قانداق ئۇسۇل بىلەن مۇشۇنداق چوڭ تاشلارنى يۆتكىگەنلىكى تاكى ھازىرغىچە يەنىلا سىر بولۇپ تۇرماقتا. رىۋايەتلەردىكى تروي ئۇرۇشى مىكىناي مەدەنىيىتى دەۋرىدە يۈز بەرگەن. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، مىكىناي پادىشاھى ئاگامېمنون سەردارلىقىدىكى يۇنان بىرلەشمە قوشۇنى10 يىل جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر كىچىك ئاسىيادىكى تروي شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. مۇشۇ قېتىملىق ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش مىكىناي مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى خورىتىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئۇزاق ئۆتمەي، دولىئانلار (ھازىرقى گرېكلارنىڭ ئەجدادى) كەڭ كۆلەمدە جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىپ، مىكىناي مەدەنىيىتىنى ياراتقان شەھەر دۆلەتلىرىنى بىر - بىرلەپ ھالاك قىلغان. مىكىناي مەدەنىيىتى زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندىن كېيىن، گرېتسىيە يېرىم ئارىلى يەنە بىر تارىخىي دەۋرگە كىردى.
← بارلىق تېمىلار مەدەنىيەت بوشۇقلىرى