سپارتا
مەدەنىيەت بۆشۈكلىرى
سپارتا قەدىمكى يۇناندىكى يەنە بىر مۇھىم شەھەر دۆلىتى، پېلوپوننېسوس يېرىم ئارىلىدىكى لاكونىيە تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، ئۈچ تەرىپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، بىراق پورتلىرى يوق بولغاچقا، سىرت بىلەن بولغان قاتنىشى قۇلايسىز ئىدى.
مىكىناي مەدەنىيىتى دەۋرىدىلا سپارتا يۇنان زېمىنىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ھومېر داستانىدىكى »تروي ئۇرۇشى« نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ھېلىنا سپارتا پادىشاھىنىڭ خانىشى ئىدى. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1200 - يىلى دورىئانلار جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ پېلوپوننېسوس يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ، شۇ جايدىكى ئاككادلارنى بويسۇندۇرۇپ، لاكۇنىيە تۈزلەڭلىكىنى ئىشغال قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى8 - ئەسىردە، دورىئانلار يەنە لاكۇنىيىنىڭ غەربىدىكى مېسسېنىيىنى بويسۇندۇرغان. ئۇلار بويسۇندۇرغان جايدىكى ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى قۇل قىلغان، بۇلار ھېلوتلار (ئەسىر دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان، ئۇلار ئۆزلىرى كېيىنكىلەر تەرىپىدىن سپارتالىقلار دەپ ئاتالغان. قۇلدارلار سىنىپى بولغان سپارتالىقلار پۈتكۈل سپارتا رايونىدا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ20 /1 ىنى تەشكىل قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى640 - يىلى، بويسۇندۇرۇلغان مېسسېنىيىلىكلەر زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭ20 يىلغا يېقىن داۋاملىشىپ، ئاخىر باستۇرۇۋېتىلگەن. ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش، قۇللارنىڭ قايتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سان جەھەتتە ئاز سانلىق ئورۇندا تۇرغان سپارتالىقلار بارلىق مىللەتلەردىن بىر تارماق قوشۇن تەشكىللەشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ ھەربىي كۈچىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشى ئەمەلىيەتتە قۇللاردىن قورققانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
سپارتالىقلار بۆشۈكتىكى چېغىدىن تارتىپلا دېگۈدەك ھەربىي ھاياتىنى باشلايتتى. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاقساقاللار تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلەتتى. تېنى ساغلام، كېيىنكى كۈنلەردە ھەربىي لاگېر تۇرمۇشىغا ماسلىشالايدىغان بالىلارلا بېقىشقا رۇخسەت قىلىناتتى، باشقىلىرى قىيالارغا تاشلىۋېتىلىپ، سوغۇق، ئاچلىقتا ئۆلۈپ كېتەتتى. ئوغۇللار يەتتە يېشىدىن باشلاپ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ھەربىي لاگېرغا بېرىپ تەربىيىلىنەتتى، تۈرلۈك جاپالىق چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرەتتى، بىراق مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى ئاساسەن ئۆگەنمەيتتى. سپارتالىقلار ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى قۇللارنىڭ ئىشى دەپ قارايتتى. بۇ خىل ھەربىي لاگېر تۇرمۇشى سپارتالىقلارغا تۈركۈم - تۈركۈملەپ مۇنەۋۋەر جەڭچىلەرنى تەربىيىلەپ بېرەتتى، ئۇلار جەڭ قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيتتى. شۇڭلاشقا، سپارتا قوشۇنى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ قوشۇنلىرى ئىچىدىكى ئەڭ باتۇر، جەڭگە ماھىر قوشۇن ئىدى.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، سپارتالىقلار ھېلوتلارنى قۇل قىلىش ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ھەربىيلەشتۈرۈش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولۇپ، كۆپ تەرەپلىمە تەرەققىياتتىن مەھرۇم بولغان. ئاللىقاچان يۈكسەك مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغان قەدىمكى يۇنانلىقلار ئىچىدە، سپارتالىقلار ياۋايى، نادان ھالغا چۈشۈپ قالغان. سپارتالىقلارنى قەدىمكى يۇناننىڭ شانلىق مەدەنىيىتىگە ئازراقمۇ تۆھپە قوشمىغان دېيىشكە بولىدۇ.