UyghurWiki
UyghurWikiمەدەنىيەت بوشۇقلىرىقەدىمكى مىسىر

قەدىمكى مىسىر

مەدەنىيەت بۆشۈكلىرى مىسىر ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، شەرقتە قىزىل دېڭىزغا، شىمالدا ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، ئۇنىڭ غەربىي جەنۇبى پايانسىز سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدۇر. ئەگەر نىل دەرياسى مىسىرنى شىمالدىن جەنۇبقا كېسىپ ئۆتمىگەن بولسا، مىسىر ئاللىقاچان گىياھ ئۈنمەيدىغان قۇملۇققا ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى. قەدىمكى يۇنان تارىخشۇناسى ھېرودوتنىڭ مىسىرنى «نىل دەرياسىنىڭ سوۋغىسى» دېگىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. نىل دەرياسىدا ھەر يىلى قەرەللىك تاشقىن بولۇپ تۇرىدۇ، تاشقىن يانغاندىن كېيىن بىر قەۋەت مۇنبەت لاي - لاتقىلار تىنىپ قالىدۇ، كىشىلەر مۇشۇ لاي - لاتقىلارنىڭ ئۈستىگە زىرائەت تېرىيدۇ. بۇ خىل ئالاھىدە تەبىئىي شارائىت بولغاچقا، مىسىردا يىراق قەدىمكى زاماندىلا خېلى تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت يارىتىلغان. مىسىرنىڭ دېھقانچىلىقى نىل دەرياسى سۈيىنىڭ ئۆرلەش - پەسىيىشى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، دەريا سۈيىنىڭ تاشقىن مەزگىلىنى توغرا ھېسابلاش ئۈچۈن، مىسىرلىقلار ناھايىتى بۇرۇنلا مول ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە) بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. ھەر يىلى تاشقىن يانغاندىن كېيىن يەرلەرنىڭ پاسىلىنى قايتىدىن ئايرىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ گېئومېتىرىيىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يامغۇر پەسلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشتا پۈتۈنلەي نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، كەڭ كۆلەمدە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى قىلىش كېرەك ئىدى، شۇ سەۋەبتىن مىسىردا يىراق قەدىمكى دەۋردىلا ئىجتىمائىي بىرلىشىش بارلىققا كېلىشكە باشلاپ، ئاممىۋى ھوقۇق شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئەڭ دەسلەپكى بىرلەشمە گەۋدە »سېپا« دەپ ئاتالغان. ھەربىر سېپانىڭ نامى، پايتەختى، قوشۇنى، ھاكىمىيىتى، شېۋىسى ۋە توتېمى بار بولۇپ، تەبىئىيكى، ھەربىرى ئۆز ئالدىغا بىر مۇستەقىل كىچىك دۆلەت ئىدى. ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش ۋە قوشۇۋېلىش ئارقىلىق مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى4000 - يىلىغا كەلگەندە، مىسىردا بىرقەدەر چوڭ ئىككى پادىشاھلىق بارلىققا كەلگەن. ئىككى دۆلەت مېمفىسنى چېگرا قىلغان، مېمفىسنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى نىل دەريا ۋادىسى ئۈستۈنكى مىسىر، مېمفىسنىڭ شىمالىدىكى نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دېلتا رايونى تۆۋەنكى مىسىر دەپ ئاتالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى3100 - يىلى ئەتراپىدا، ئۈستۈنكى مىسىر پادىشاھى مېنېس تۆۋەنكى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، پۈتكۈل مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. پۈتۈن مەملىكەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مېنېس پايتەختنى ئۈستۈنكى ۋە تۆۋەنكى مىسىر چېگرىلىنىدىغان مېمفىسقا يۆتكەپ، ئۇنى «ئىلبەيد» دەپ ئاتىغان. مېنېس مىسىرنىڭ تۇنجى پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مىسىر يازما مەلۇماتلاردا خاتىرىلەنگەن تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويغان. مېنېس ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىن11 - ئەسىرگىچە قەدىمكى مىسىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالدىنقى پادىشاھلىق دەۋرى، قەدىمكى پادىشاھلىق دەۋرى، ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەۋرى، يېڭى پادىشاھلىق دەۋرى، كېيىنكى مىسىر دەۋرى قاتارلىق بىرنەچچە دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن. كېيىن مىسىر پەيدىنپەي زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، ئىلگىرى - كېيىن لىۋىيە ۋە ئاسسۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7 - ئەسىردە مىسىر قىسقا ۋاقىت مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ماكىدونىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى30 - يىلى، مىسىر رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتى3000 يىل داۋاملاشقان. يىراق قەدىمكى دەۋردە، مىسىرلىقلار دۆلەت قۇرغان، قەدىمكى مىسىردا دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك خېلى تەرەققىي قىلغان. ئۇلار مىس قوراللارنى ياسىغان، يېزىق ئىجاد قىلغان ھەم خېلى يۇقىرى ئاسترونومىيە بىلىملىرى ۋە گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ھەيۋەتلىك ئىلاھىي ئىبادەتخانىلار ۋە ئەلئېھراملارنى ياسىغان. ئەلئېھرام ئىنسانىيەتنىڭ يىراق قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت بولۇشقا مۇناسىپ.
← بارلىق تېمىلار مەدەنىيەت بوشۇقلىرى