UyghurWiki
UyghurWikiمەدەنىيەت بوشۇقلىرىقەدىمكى ھىندىستان

قەدىمكى ھىندىستان

مەدەنىيەت بۆشۈكلىرى ھىندىستاننىڭ يىراق قەدىمكى مەدەنىيىتى1922 - يىلى بايقالدى. قەدىمكى ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ خارابىسى ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستاننىڭ خاراپپا رايونىدىن قېزىپ چىقىلغاچقا، ئادەتتە «خاراپپا مەدەنىيىتى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ مەدەنىيەت خارابىلىرى ئاساسلىقى ھىندى دەرياسى ۋادىسىغا مەركەزلەشكەن بولغاچقا، «ھىندى دەرياسى مەدەنىيىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خاراپپا مەدەنىيىتىنىڭ يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2300 - يىلىدىن1750 - يىلىغىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. خاراپپا مەدەنىيىتى قەدىمكى ھىندىستاننىڭ برونزا دەۋرى مەدەنىيىتى، ئۇ بىر خىل شەھەر مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھازىرغىچە قېزىپ چىقىلغان شەھەر خارابىلىرىدىن قارىغاندا، شەھەرنىڭ كۆلىمى ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. ئالايلۇق، موخېنجودارو شەھىرىنىڭ كۆلىمى260 گېكتارغا يېتىدۇ، پۈتۈن شەھەر12 كوچا رايونىغا ئايرىلغان، كەڭ، رەتلىك كوچىلىرى ۋە ناھايىتى راۋان سۇ چىقىرىش سىستېمىسى بار، بەزى تۇرالغۇلار ئىنتايىن كۆركەم، ئازادە سېلىنغان بولۇپ، مەدەنىيەت بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇشقا باشلىغان. بۇ مەدەنىيەت نەچچە100 يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن بارا - بارا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى18 - ئەسىردە يوقالغان. خاراپپا مەدەنىيىتى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىن بېسىپ كىرگەن كۆچمەن چارۋىچى مىللەت − ئارىئانلار ھىندىستاندا تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملاشقان مەدەنىيەتنى ياراتقان. ئارىئانلار مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2000 - يىلى ئەتراپىدا ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا پەيدا بولۇپ، پەيدىنپەي جەنۇبقا كېڭەيگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ھىندىستاندا16 دۆلەت بارلىققا كەلگەن. ئۇزاق مەزگىللىك قوشۇۋېلىش ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى4 - ئەسىرگە كەلگەندە، جەنۇبىي قىسىمدىكى گانگ دەرياسى ۋادىسىدا ماگادانى مەركەز قىلغان بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇلغان. شۇ مەزگىلدە، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى ھىندى دەريا ۋادىسى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. پېرسىيىلىكلەر ھىندى دەريا ۋادىسىغا ئىككى ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى4 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندىلا ئاندىن ماكىدونىيىلىك ئالېكساندىر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. چاندراگۇپتا ماكېدونىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن شىمالىي ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرگەن، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ماگادا دۆلىتىنىڭ ناندا پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك توز (مائۇريا) خانىدانلىقىنى قۇرغان. توز خانىدانلىقى ئاسۇكاخان دەۋرىدە ئەڭ گۈللەنگەن. ئۇ كۆپ يىللىق ئىستېلا قىلىش ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق خانىدانلىق تېررىتورىيىسىنى ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي چېتىدىن باشقا پۈتكۈل جەنۇبىي ئاسىيا2 - چوڭ قۇرۇقلۇقىغىچە كېڭەيتكەن، يەنى ھازىرقى ھىندىستان، پاكىستان ۋە بېنگالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ غايەت زور ئىمپېرىيە ھەربىي ئىستېلاغا تايىنىپ قۇرۇلغان بولغاچقا، ئاسۇكاخان ئالەمدىن ئۆتۈپ ئۇزاق ئۆتمەي بۆلۈنۈش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى187 - يىلى، توز خانىدانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئاغدۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھىندىستان قايتا بىرلىككە كېلەلمىگەن. قەدىمكى ھىندىستان ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە تەبىئىي پەن قاتارلىق ساھەلەردە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆزگىچە تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەدەبىيات جەھەتتە، ئۆلمەس تارىخىي داستان «ماخابخالاتا» ۋە «لامايانا» نى ياراتقان. پەلسەپە جەھەتتە، «سەۋەبىيات ئېنىقشۇناسلىقى» (学明因) نى بەرپا قىلغان، بۇ ھازىرقى لوگىكىشۇناسلىققا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تەبىئىي پەن جەھەتتىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى − ھازىر دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان10 خانىلىق رەقەملىك ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ، «0» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان10 رەقەمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئاتالمىش ئەرەب سانلىق يېزىقى ئەمەلىيەتتە ھىندىستاندىن كەلگەن، ئەرەبلەر ئارقىلىق غەربكە تارقالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىردە، قەدىمكى ھىندىستاندا يەنە بۇددا دىنى بارلىققا كەلگەن، كېيىن بۇ دىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو، چاۋشيەن، ياپونىيىگە تارقالغان.
← بارلىق تېمىلار مەدەنىيەت بوشۇقلىرى