لۇغەت قەغىزى ۋە پارقىراق قەغەز
مەدەنىي بۇيۇملار
لۇغەت باسىدىغان قەغەز ئادەتتىكى كىتاب باسىدىغان قەغەزگە ئوخشىمايدۇ. لۇغەتنىڭ مەزمۇنى ئادەتتىكى كىتابلاردىن كۆپ، ۋارىقى كۆپ بولغاچقا، لۇغەت قەغىزى ناھايىتى نېپىز ۋە تۇتۇق بولىدۇ.
لۇغەت قەغىزىنىڭ نېپىز ۋە تۇتۇق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ماتېرىيال ئوخشىمايدۇ. لۇغەت قەغىزىنى ئىشلەش جەريانىدا، قەغەز بوتقىسىغا تالك پاراشوكى، بارىي سۇلفات، تىتان (Ⅳ) ئوكسىد، ئاق توپا، كالىتسىي كاربونات قاتارلىق نۇرغۇن ئاق ماددىلار قوشۇلىدۇ. بۇ ئاق ماددىلار قەغەز تالالىرىدىكى تۆشۈكچىلەرنى تولدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەغەز تۇتۇق بولىدۇ، بۇ توقۇلغان سېۋەتنىڭ چۆرىسىگە لاي سۈركىگەندەكلا ئىش، لاي ئاراشچىلارنى تولدۇرۇۋالسا، سېۋەتتىن نېرىسىدىكى نەرسىلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
قول بىلەن پۈكلەنگەن ياكى قىيىپ چاپلانغان قەغەز پارقىراق قەغەز دېيىلىدۇ، ئېلېكترو ئوپتىك قەغەز دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
پارقىراق قەغەزنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ، كۆركەم گۈل ئىزنالىرىمۇ بولىدۇ، ئىشلەش ۋاقتىدا، بوياق بىلەن گلىتسېرىن، موم، يېلىم ماددىلىرى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، بوتقىسىمان سىرغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئاندىن سۈرۈش ماشىنىسى ئارقىلىق بۇ سىر ئاق قەغەزگە تەكشى سۈرۈلىدۇ. قاقلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىن پارقىرىتىش ماشىنىسىدا پارقىرىتىلىدۇ. ئارقا تەرىپىگە سىر سۈرۈلمىگەنلىكى ۋە پارقىرىتىلمىغانلىقى ئۈچۈن، رەڭگى ئاق بولسىمۇ پارقىرىمايدۇ.