يۇڭ قەلەمنىڭ كېلىپ چىقىشى
مەدەنىي بۇيۇملار
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھازىرقى يۇڭ قەلەم (موبى) لەرنى چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى10 مىڭ يوللۇق سەددىچىدىن سېپىلىنى سالدۇرغان سانغۇن مېڭ تيەن كەشىپ قىلغانىكەن. ئەمەلىيەتتە، يۇڭ قەلەمنى كەشىپ قىلىش ھوقۇقى مېڭ تيەنگە تەۋە ئەمەس.1954 - يىلى خۇنەن چاڭشادىكى زوجياگۇڭ تېغىدا بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان بىر يۈرۈش يېزىقچىلىق قوراللىرى مېڭ تيەندىن بۇرۇن يۇڭ قەلەمنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرلىرىدە، بەگلىكلەر ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، يۇڭ قەلەمنى ھەرقايسىسى ھەر خىل ئاتاشتى، ۋۇ بەگلىكى (ھازىرقى جياڭسۇ) «بۇلۈي» (律不) دەپ، يەن بەگلىكى (ھازىرقى خېبىي) «فۇ» (弗) دەپ، چۇ بەگلىكىدىكى (ھازىرقى خۇبېي) «جۇ» (竹) دەپ ئاتاشقان. چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، «موبى» ( 笔毛 يۇڭ قەلەم) دەپ ئومۇملاشقان.
يۇڭ قەلەم ھايۋان يۇڭىدىن ئۇچ ياساپ، ئۇنى نوكەش قەلەم ساپقا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، بىر ياخشى يۇڭ قەلەم «ئۇچلۇق، تەكشى، يۇمىلاق، مەزمۇت» بولىدۇ، «ئۇچلۇق» قەلەم ئۇچى ئۇچلۇق بولىدىغانلىقىنى؛ «تەكشى» قەلەم ئۇچىنىڭ ئۇچلىنىشى رەتلىك بولىدىغانلىقىنى؛ «يۇمىلاق» قەلەم ئۇچىنىڭ يۇپيۇمىلاق بولىدىغانلىقىنى؛ «مەزمۇت» يۇڭ قەلەمنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يېزىلغان خەتنىڭ ئۆتكۈر ۋە جۇشقۇن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېلىمىزدە «خۇبى» (笔湖) قەلىمى ئەڭ داڭلىق، ئۇ چىداملىق بولۇپ، خەتمۇ راۋان چىقىدۇ، خۇبى قەلىمى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ۋۇشىڭ ناھىيىسىنىڭ شەنليەن بازىرىدىن چىقىدۇ. يۇڭ قەلەمنىڭ تۈرى200 خىلدىن ئاشىدۇ، ئىشلىتىلگەن ماتېرىيالنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ياڭخاۋ ( 毫羊 − قوي يۇڭىدىن ياسالغان يۇڭ قەلەم) جيەنخاۋ (毫兼 − قوي يۇڭى بىلەن توشقان تۈكى ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان يۇڭ قەلەم)، زىخاۋ (毫紫 − توشقان تۈكىدىن ياسالغان يۇڭ قەلەم) ۋە لاڭخاۋ (毫狼 − ئاغمىخان تۈكىدىن ياسالغان يۇڭ قەلەم) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ، بەزى يۇڭ قەلەملەر ئىككى خىل ھايۋاننىڭ يۇڭىدىن ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ، مەسىلەن، جيەنخاۋ (毫兼) ياۋا توشقان تۈكى بىلەن قوي يۈڭى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ؛ زىياڭخاۋ (毫羊紫) دىكى ئىككى خىل يۇڭنىڭ نىسبىتى «توشقان تۈكى يەتتە ئۈلۈش، قوي يۇڭى ئۈچ ئۈلۈش» لىرىمۇ، «توشقان تۈكى بەش ئۈلۈش، قوي يۇڭى بەش ئۈلۈش» لىرىمۇ بار. يەنە ياۋا توشقان تۈكى بىلەن ئاغمىخان تۈكى ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان زىلاڭخاۋ (毫狼紫)، قوي يۇڭى بىلەن ئاغمىخان تۈكى ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان ياڭلاڭخاۋ (毫狼羊) مۇ بار، زىياڭخاۋ قەلىمى زىلاڭخاۋ قەلىمىدىن يۇمشاق، ياڭلاڭخاۋ قەلىمىنىڭ قاتتىق - يۇمشاقلىقى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. جيەنخاۋ قەلىمى خەتتاتلىقنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
يۇڭ قەلەمنىڭ ئۆلچىمىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەڭ چوڭى چابى(笔楂) دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ قەلەم سېپى پىيالىنىڭ ئاغزىدىنمۇ يوغان بولىدۇ، نەچچە ئون جىڭ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا تىتۇ (头提)، تياۋفۇ (幅条)؛ ئۇنىڭدىنمۇ كىچىكلىرى داكەي (楷大)، جۇڭكەي (سۈنكەي 楷寸) ۋە شياۋكەي (楷小)، ئەڭ كىچىكى گۇيبى (笔圭). باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوڭ خەت يازغاندا داكەينى، كىچىك خەت يازغاندا شياۋكەينى ئىشلىتىدۇ.