ئەينەك قەغەز
مەدەنىي بۇيۇملار
كەمپۈت ئورايدىغان ئەينەك قەغەز ياغاچ ۋە پاختىدىن ئىشلىنىدۇ.
ئەينەك قەغەز سىللوبېن ياكى سۈزۈك قەغەز دېيىلىدۇ، ئۇنى1908 - يىلى فرانسىيىلىك بوياقچى براندىنگېر كەشىپ قىلغان. ئۇنى ياساش ئۇسۇلى سېللۇلوزا بىلىمىدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي يىپەك ئىشلەش ئۇسۇلىغا تامامەن ئوخشايدۇ، پەقەت ئەينەك قەغەز ئىشلەشتە يىپەك تارتىش ماشىنىسى ئەمەس، نېپىز پەردە چىقىرىش ماشىنىسى ئىشلىتىلىدۇ، خالاس.
ئاۋۋال ياغاچ ۋە پاختا قەغەز بوتقىسى قىلىنىدۇ، ئاندىن بىرنەچچە خىل خىمىيىۋى دورا قوشۇپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، بوتقا سۇلفونىك كىسلاتا دەپ ئاتىلىدىغان سېرىق يېپىشقاق سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇلىدۇ، سولفونىك كىسلاتا سۇدا ئېرىيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئازراق ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسى قوشۇلسا، سېللۇلوزا يېلىمىگە ئۆزگىرىدۇ. سېللۇلوزا يېلىم پەردە چىقىرىش ماشىنىسىغا ئەۋەتىلسە، بېسىش، قاتۇرۇش، ئاقارتىش، بوياش جەريانلىرىدىن ئۆتۈپ، خىلمۇخىل ئەينەك قەغەز بولۇپ چىقىدۇ.
ئەينەك قەغەزنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك بولسىمۇ، سۇنى كۆرسىلا شەكلى ئۆزگىرىدۇ، بىراق، ئۇنىڭ توقۇلمىسى زىچ، ئارىسىدا بوشلۇق بولمىغاچقا، ھاۋا، ماي ئۆتكۈزمەيدۇ، چاڭ - توزان، مىكروبلاردىن ساقلايدۇ، ئالىي كەمپۈت، تاماكا، دورىلار ئەينەك قەغەز بىلەن ئورالسا، چىرايلىق كۆرۈنۈپلا قالماي، بۇيۇملارنىڭ ئېسىل رولى ساقلىنىپ قالىدۇ. ئالىي ئەينەك قەغەزلەر رەڭسىز ۋە سۈزۈك، سىلىق بولۇپ، ئادەتتىكى يورۇقلۇقنى يۈزدەيۈز ئۆتكۈزۈپلا قالماي، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىمۇ % 70 ئۆتكۈزىدۇ. بىرەر يىلغىچە ئۇنىڭ سۈزۈكلۈكى ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرمەيدۇ.