قېرىنداش قەلەمنىڭ ئۆزىكى قوغۇشۇن ئەمەس
مەدەنىي بۇيۇملار
ئەڭ بۇرۇنقى قېرىنداش قەلەم »قارا قوغۇشۇن« دەپ ئاتالغان. تەخمىنەن1564 - يىلى ئەنگلىيدىكى كامبىراندنىڭ بورو دىيېر دېگەن يېرىدە قاتتىق بوراندا بىر تۈپ دەرەخ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. بوران توختىغاندىن كېيىن، پادىچىلار ئازگالدىن قارا تاشنى ئېلىپ، باشقىلارنىڭ قويلىرىغا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۆز قويلىرىغا بەلگە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا «قارا قوغۇشۇن» دەپ ئات قويغان.
كېيىن، ئوقەتچىلەر بۇ قارا تاشنى تال - تال قىلىپ، ئۈستىگە ماركا چاپلاپ «بەلگە تېشى» دېگەن نام بىلەن سودىگەرلەرگە سېتىپ بەرگەن. سودىگەرلەر ماللىرىنىڭ ئۈستىگە بەلگە ئۇرۇپ، خەت يېزىپ، فرانسىيىگە ئاپىرىپ ساتقان.1790
- يىلقى ئەنگلىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، فرانسىيە ئەنگلىيىنىڭ بەلگە تېشىنى سېتىۋالالمىغان، ناپولېئون خىمىك كانتقا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۇيرۇغان، كانت ئامباردا ساقلىنىپ قالغان «قارا قوغۇشۇن» نى يانجىپ سېغىز توپا ئارىلاشتۇرۇپ، قارا رەڭلىك «پىلتە» ئىشلەپچىققان، ئوچاقتا كۆيدۈرۈپ پىشۇرغاندىن كېيىن، قارا قوغۇشۇن ئۆزەككە ئايلانغان، ئۇنىڭ بىلەنمۇ بەلگە قويغىلى، خەت يازغىلى بولغان، تېخى ئۇرۇلغان بەلگىلەر ئاۋۋالقىدىن پۇختا ۋە ئۆچمەس بولغان؛ بىر يېرى، قولنى پاسكىنا قىلىپ قويغان ھەم ئوڭاي سۇنۇپ كەتكەن،1812 - يىلى ۋىليام مونرو ئاتلىق ئامېرىكىلىق بىر ياغاچچى ياغاچنى ئوقۇرسىمان ئويۇپ، ئىچىگە قارا قوغۇشۇن ئۆزەكنى پاتۇرۇپ، ئاندىن ئويۇلغان ئىككى تال ياغاچنى جۈپلەپ، دۇنيادىكى تۇنجى قېرىنداش قەلەمنى ياسىغان.
ئەمەلىيەتتە، قېرىنداش قەلەمگە ئۆزەك قىلىنغان «قارا قوغۇشۇن» قوغۇشۇن ئەمەس، بەلكى كاربوننىڭ بىر خىلى، رەسمىي ئېتى «گرافىت» (سۈرمە تاش). قېرىنداش قەلەم ئۆزىكىنىڭ خام ئەشياسى گرافىت بىلەن سېغىز توپىدىن ئىبارەت.
بىز ئىشلىتىدىغان قېرىنداش قەلەملەرنىڭ ئۈستىدە B6، H3 ياكى BH دېگەندەك يېزىقلار بار، بۇلار ئىنگىلىزچە kcalB (قارا) ۋە draH (قاتتىق) دېگەن سۆزلەرنىڭ باش ھەرپلىرىدىن كەلگەن. B6 ئەڭ قارىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ رەسىم سىزىشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق قېرىنداش، H6 ئەڭ قاتتىق، رەڭگى ئەڭ سۇس، ئۇ كۆپەيتىپ يېزىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار BH قېرىنداشنى ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ قاتتىق - يۇمشاقلىقى نورمال، قېنىق - سۇسلۇقى مۇۋاپىق.
قېرىنداش قەلەملەرنىڭ قاتتىق - يۇمشاقلىقى ۋە قېنىق - سۇسلۇقىنى قېرىنداش قەلەم ئۆزىكىدىكى گرافىت بىلەن سېغىز توپىنىڭ نىسبىتى بەلگىلەيدۇ. گرافىت نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، قېرىنداش قەلەم شۇنچە يۇمشاق، رەڭگى شۇنچە قارا بولىدۇ؛ ئەكسىچە، سېغىز توپا نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، قېرىنداش قەلەم شۇنچە قاتتىق، رەڭگى شۇنچە سۇس بولىدۇ.