پەي قەلەمدىن سىياھ قەلەمگىچە
مەدەنىي بۇيۇملار
سىياھ قەلەم بۇرۇنقى تەگكۈزۈپ يازىدىغان قەلەمدىن تەرەققىي قىلغان، قەدىمكى يۇنانلىقلار پەينىڭ ئۇچىنى ئۇچلاپ رەڭگە تەگكۈزۈپ يېزىشنى ياخشى كۆرەتتى؛ مىسىرلىقلار قومۇشتىن تەگكۈزۈپ يازىدىغان قەلەم ياسايتتى. مۇنداق قەلەمنى دائىم سىياھقا تەگكۈزۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى ھەم يازا - يازا ئاخىر ئۇچى يوغىناپ كېتەتتى. كېيىن كىشىلەر قەلەم سېپىنىڭ ئىچىگە كىچىك «سىياھدان» − رېزىنكە تۇلۇم ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا سىياھ جىقلىۋالىدىغان بولدى؛ يەنە قەلەم ئۇچ ئورنىغا زىمىر (مېتال ئۇچ) ئالماشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن «سىياھ قەلەم» بارلىققا كەلدى.
ئەينى چاغلاردا سىياھ قەلەمنىڭ زىمىرى (قەلەم ئۇچى) پەينى ئۇچلىغاندەك تۈزلا ئىدى. پەقەت زىمىر پەيدىن چىداملىقراق ئىدى، خالاس. بىراق، خەت يازغاندا ھەمىشە سىياھ چىققىلى ئۇنىمايتتى. ۋاتېرمان ئاتلىق بىر ئامېرىكىلىق زىمىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىچىك بىر يۇمىلاق تۆشۈك ئاچتى ۋە تۆشۈكتىن زىمىرنىڭ ئۇچىغىچە تىلىپ يېرىق چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن سىياھ راۋان چىقىپ، خەت يېزىش كۆپ ئاسانلاشتى.
سىياھ قەلەمنىڭ تۈرى زىمىرىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ ۋە ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم (笔金)، ئىردىي ئۇچلۇق قەلەم (笔金铱)، پولات ئۇچلۇق قەلەم (笔钢) لەرغا بۆلۈنىدۇ. ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەمنىڭ زىمىرى ساپ ئالتۇن ئەمەس، ئالتۇن بەك يۇمشاق، كىشىلەر ئۇنىڭغا كۈمۈش ۋە مىس قوشۇپ قاتتىقراق قىلىدۇ. ئىرىدىي ئۇچلۇق قەلەم بىلەن پولات ئۇچلۇق قەلەمنىڭ ئىككىلىسىنىڭ زىمىرى داتلاشماس پولاتتىن ياسىلىدۇ، سىياھقا ئۇزاق چىلاپ قويسىمۇ داتلاشمايدۇ.
ئالتۇن ئۇچلۇق ۋە ئىرىدىي ئۇچلۇق قەلەملەرنىڭ زىمىرى پولات ئۇچلۇق قەلەمنىڭ زىمىرىدىن چىداملىق بولۇشنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ زىمىرىنىڭ ئۇچىغا كىچىك شارىك دانچە ئورنىتىلغان. بۇ شارىك ئىرىدىي — ئوسمىي قېتىشمىسىدىن ياسالغان، ئۇ تولىمۇ قاتتىق ۋە سۈركىلىشكە چىداملىق. شاڭخەي «ئالتۇن يۇلتۇز» ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم زاۋۇتىنىڭ تەجرىبە قىلىشىچە، ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم بىلەن پولات ئۇچلۇق قەلەمنى بىرلا ۋاقىتتا سىلانېتسىلىق بىلەيگە بىر سائەت بىلىگەندە، ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەمنىڭ زىمىرى07 .0 مىللىمېتىر ئۇپرىسا، پولات ئۇچلۇق قەلەمنىڭ زىمىرى5 مىللىمېتىردىن كۆپرەك ئۇپرىغان.
شۇنداق قىلىپ، سىز ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم بىلەن خەت يازغىنىڭىزدا، زىمىر ئەگرى - دوناي ماڭىدۇ، سىياھ زىمىرىدىكى كىچىك تۆشۈك ئارقىلىق «كىچىك ئېرىق» نى بويلاپ ئېقىپ چىقىدۇ. ئىرىدىي − ئوسمىي قېتىشمىسى بۇ ئېرىقنىڭ قېشىغا ئوخشاش، سىياھنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسىدۇ.
بەزىدە قوينىڭىزدىن سىياھ قەلەمنى ئېلىپ خەت يازماقچى بولۇپ، قەلەمنىڭ بۆكىنى بۇراپ ئېچىشىڭىز ھامان، سىياھ چىقىپ قولىڭىزنى بۇلغىۋېتىدۇ. بۇ قەلەمدىكى سۈپەت مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قەلەمنىڭ بۆكىدىكى كىچىك تۆشۈكنى بەزى نەرسىلەر ئېتىۋالغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى.
سىياھ قەلەمنىڭ بۆكىدىكى كىچىك تۆشۈكنىڭ ئالاھىدە رولى بار. سىياھ قەلەمنى قويۇن يانچۇقىڭىزغا سالسىڭىز، تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، قەلەم ئىچىدىكى بېسىم ئاشىدۇ. قەلەم بۆكىنى ئاچسىڭىز، بېسىم بىراقلا تۆۋەنلەيدۇ، لېكىن قەلەم سېپى ئىچىدىكى بېسىم يەنىلا يۇقىرى بولىدۇ، بۇ بېسىم تۇلۇمدىكى سىياھنى سىقىپ چىقىرىدۇ، قەلەم بۆكىدە كىچىك تۆشۈك بولسا، قەلەمنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى بېسىم تەڭپۇڭ بولۇپ، سىياھ ئېقىپ چىقىش ھادىسىسى بولمايدۇ.