«سۆزلىيەلەيدىغان» قەغەز
مەدەنىي بۇيۇملار
بۇ ئالاھىدە ئىشلەنگەن ماگنىتلىق قەغەز، ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئوخشاش گەپنى ۋە رادىئو ئاۋازىنى «خاتىرىلەپ»، ماشىنا ئارقىلىق ئوقۇيالايدۇ. مەسىلەن، سىز ئۆگىنىش نەتىجىڭىز ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىڭىزنى يىراقتىكى تۇغقانلىرىڭىزغا يەتكۈزمەكچى بولسىڭىز، قەلەم تەۋرەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، پەقەت گېپىڭىزنى ماگنىتلىق قەغەزگە ئېلىپ ئەۋەتسىڭىزلا، تۇغقانلىرىڭىز تاپشۇرۇۋېلىپ گېپىڭىزنى ئاڭلىيالايدۇ.
ماگنىتلىق قەغەز ئېلېكترو خىمىيىلىك قەغەز دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئادەتتىكى خام ئەشياغا ئالاھىدە خىمىيىۋى ماددا قوشۇپ، ئۇنى بېسىپ ياكى قىزىتىپ ئېلېكترو خىمىيىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ ياسالغان. قەغەز تەركىبىدىكى خىمىيىۋى ماددىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ، نامايان بولىدىغان ئېلېكترو خىمىيىلىك ئۆزگىرىشمۇ ئوخشىمايدۇ، يا ماگنىتلىق لېنتىغا ئوخشاش ئاۋاز ئالغىلى بولىدۇ، يا قاتتىق قەلەم بىلەن خەت ئىزى چىقىرىلىدۇ، ياكى قەغەزنىڭ رەڭگى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېلېكترو خىمىيىلىك قەغەزنىڭ فۇنكسىيىسىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ئالىملار بىر خىل «خاتىرىلىگۈچ» ياسىدى، ئۇ رادىئو قوبۇللىغۇچتىن قوبۇل قىلغان خەۋەرلەرنى يېزىققا ئايلاندۇرىدۇ، ئېلېكترو خىمىيىلىك قەغەزنى «خاتىرىلىگۈچ» كە كىرگۈزۈپ قويسا، «ئاخبارات گېزىتى» نى ئاپتوماتىك ئۇرۇپ چىقىرىدۇ، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، يېزىقنى ئۆچۈرۈۋەتسە، قەغەزنى قايتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
يەنە بىر خىل ئېلېكترو خىمىيىلىك قەغەز بار، ئۇنى يەتتە قاتلاپ ماشىنكىغا سېلىپ، بىر بېتىگە خەت ئۇرسىلا، ئوتتۇرىسىغا كاربون قەغەز قىستۇرمىسىمۇ، قالغان ئالتە ۋاراققا ئوخشاش خەت چىقىدۇ، بېسىش بەك ئاسان.
سۇيۇق كرىستال بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئېلېكترو خىمىيىلىك قەغەز ئەتراپتىكى تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنى «دوكلات» قىلالايدۇ. بىر ۋاراق قىزىل ئېلېكترو خىمىيىلىك قەغەزنىڭ ئارقىسىنى قول بىلەن سىلىسا يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، قەغەزگە پۈۋلىسە سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ؛ ھەتتا ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچتە قەغەزنىڭ رەڭگى ئۆزلۈكىدىن ئۆزگىرىدۇ. سانائەتتە قەغەزنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ تېمپېراتۇرا ئۆلچىنىدۇ، بىز بازارلاردا كۆرىدىغان ئاتكرىتكىلاردىكى تېرمومېتىرنى پېشانىڭىزگە تەگكۈسىڭىز، بىردەمدىن كېيىن سىزگە بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى «ئېيتىپ» بېرىدۇ. بۇنىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئېلېكترو خىمىيىلىك قەغەز قىلغان ئىش.