UyghurWiki
UyghurWikiمەدەنىي بۇيۇملارماي قەلەم ۋە ئاتوم قەلەم

ماي قەلەم ۋە ئاتوم قەلەم

مەدەنىي بۇيۇملار دائىم ئىشلىتىلىدىغان ماي قەلەم بۇرۇن ئاتوم قەلەم دەپمۇ ئاتالغان. بۇ يەردە ئاددىي بولمىغان بىر تارىخ بار.1945 - يىل8 - ئاينىڭ6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇنجى ئاتوم بومبىسى ياپونىيىدىكى ھىروشىما ئاسمىنىدا پارتلىدى،200 مىڭدىن ئارتۇق ياپونىيىلىك تالاپەتكە ئۇچرىدى، كىشىلەر ئاتوم بومبىسنىڭ قۇدرىتىدىن ھەيران قالدى. ئەينى چاغدا رېينولود ئاتلىق ئامېرىكىلىق بىر سودىگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەپ - تەرەپلەردە ئېلان بېرىپ، ئاتوم دەۋرىدىكى يېڭى بىر خىل قەلەمنى بازارغا سالدى ۋە ئۇنى ئاتوم قەلەم دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ قەلەم ئاتوم بومبىسىدەك سىرلىق ئىكەن. بۇ قەلەمگە سىياھ ئىچۈرمىسىمۇ بولىدىكەن، بىر ئۆمۈر ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قىزىقىپ بەس - بەستە سېتىۋالىدۇ، ئاتوم قەلەم بىر مەزگىل مودا بولىدۇ، ھېلىقى رېينولود دېگەن سودىگەرمۇ تازا بېيىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاتوم قەلەمنىڭ ئاتوم بومبىسى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. بۇ قەلەم بىلەن خەتنى جىق يازغىلى بولىدىغانلىقى ئاساسەن قەلەمنىڭ ئۇچىغا بىر شارىكنىڭ ئورنىتىلغانلىقىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ئىچىگە باسما مېيى قاچىلانغان، باسما مېيى سىياھقا قارىغاندا يېپىشقاق، شۇڭا، ئوخشاش مىقداردا باسما مېيى ۋە سىياھ قاچىلانسا، ماي قەلەمدە سىياھ قەلەمگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە جىق خەت يازغىلى بولىدۇ، ئەينى چاغدىكى ماي قەلەمنىڭ نۇرغۇن يېتەرسىزلىكى بار ئىدى. شارىك راۋان دومىللىمىغاچقا، خەتنى راۋان يازغىلى بولمايتتى. بەزىدە قەلەم ئۇچىدىن ماي ئېقىپ چىقىپ قول بۇلغايتتى، يېزىلغان خەت ئوڭاي ئۆڭۈپ كېتەتتى. كېيىن ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغاندىن كېيىنلا، كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ماي قەلەمنىڭ ھەقىقىي ئىختىراچىسى بىلو ئاتلىق ۋېنگرىيىلىك ئىشچى ئىكەن، ئۇ باسما زاۋۇتىدا كوررېكتورلۇق قىلىدىكەن. ئۇ خىزمەت جەريانىدا ئاخىرقى كوررېكتورلۇق نۇسخىسىدىكى خاتا خەتلەرنى سىياھ قەلەم بىلەن ئۆزگەرتىش بىئەپلىكىنى ھېس قىلىپتۇ - دە، مېڭىسىنى ئىشقا سېلىپ، باسما تۇلۇق پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، سىياھ قەلەمنىڭ ئۇچىنى پولات شارىكقا ئۆزگەرتىپتۇ، قەلەم سېپى ئىچىگە باسما مېيى قاچىلاپتۇ. پولات شارىك قەغەز يۈزىدە دومىلىغاندا، باسما مېيى ئېقىپ چىقىپ، قەغەزگە خەت ئىزى چۈشۈپتۇ، مانا بۇ دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى ماي قەلەم ئىكەن. ماي قەلەمنىڭ سۈپىتى ئۇچىدىكى شارىكنىڭ سۈپىتىگە باغلىق. بۇ شارىك سۈركىلىشكە چىداملىق خروم − ۋولفرام − پولات سىمدىن ياسىلىدۇ، ئۇ سىلىق، يۇمىلاق بولۇپلا قالماي، دىئامېتىرىدا مىڭدىن بەش مىللىمېتىرمۇ خاتالىق بولمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىدە ماي قەلەمنىڭ خەت يېزىش ئۇزۇنلۇقى بىرلىك ماي سەرپىياتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بىر تال ماي قەلەمگە قاچىلانغان ماي مىقدارى بۇ قەلەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە بىر تال ماي قەلەمنىڭ خەت يېزىش ئۇزۇنلۇقى2000 مېتىر بولىدۇ.7.0 مىللىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شارىكنى مىسالغا ئالساق، مۇنچىلىك ئۇزۇنلۇقتا خەت يېزىپ بولغىچە، بۇ شارىك1 مىليون قېتىم دومىلايدۇ. ھازىر ئەڭ ياخشى ماي قەلەملەرنىڭ يېزىش ئۇزۇنلۇقى8000 مېتىردىن ئاشىدۇ ۋە10 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا قاراپ يۈرۈش قىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار مەدەنىي بۇيۇملار
ماي قەلەم ۋە ئاتوم قەلەم | UyghurWiki | UyghurWiki