زامانىۋى قەلەملەر
مەدەنىي بۇيۇملار
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بېيىماقتا، قەلەمنىڭ تۈرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلانماقتا.
بوشلۇق قەلىمى. ئالەم كېمىسىدە ئادەتتىكى ماي قەلەمنى ئىشلەتسە خەت يازغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئالەم بوشلۇقىدا يەر مەركىزىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغاچقا، قەلەمدىن ماي چىقمايدۇ، ھازىر بىر خىل بوشلۇق قەلىمى بار، ئۇ ئالەم قەلىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ھىم ماي قەلەم ئۆزىكى ئىچىگە مۇئەييەن بېسىم (3 —5 ئاتموسفېرا بېسىمى) دىكى ئازوت قاچىلانغان، ماي ئازوت گازىنىڭ بېسىمى بىلەن ئېقىپ قەلەم ئۇچىغا كېلىدۇ. مۇنداق قەلەمدە سۇ ئاستىدا ياكى ℃ 200 تىن نۆلدىن تۆۋەن ℃ 50 قىچە بولغان ئالاھىدە مۇھىتتىمۇ خەت يازغىلى، شۇنىڭدەك ھەرقانداق تۇرغۇدىن خەت يازغىلى بولىدۇ، يەنى كارىۋاتتىن تۇرالمايدىغان مېيىپلار ۋە دالىدا خىزمەت قىلغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشكە قۇلاي.
لازېر قەلەم. لازېر قەلەمگە سىياھمۇ قاچىلىمايدۇ، ئۇنى سىياھقىمۇ تەگكۈزمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۇچىدا كىچىك بىر لازېر گېنېراتورى بار. ئۇ لازېر نۇرنىڭ سىجىللىقىنى تەڭشەيدۇ، ياغاچ، مېتال، سۇلياۋ ۋە قەغەزنى «كۆيدۈرۈپ» كىچىك ئويمان يېزىق ياكى نەقىش شەكلىنى چىقىرىدىغان يېڭى تىپتىكى ئويمىچىلىق قورالى.
كۆزنى ئاسرايدىغان قەلەم. قەلەم سېپىگە كىچىك تىپتىكى فوتومېترىك كۆرسەتكۈچ قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان، بۇ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئۇ كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇغان، خەت يازغاندا يورۇقلۇقنى يېتەرلىك قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ، كىتاب ئوقۇغان، خەت يازغان چاغدىكى يورۇقلۇق (يورۇتۇش دەرىجىسى) نىڭ ئەڭ ياخشى ئۆلچىمى320 -750 ليۇكس. خەت يېزىۋاتقاندا فوتومېترىك كۆرسىتىش قۇرۇلمىسى قىزىل نۇر چىقارسا، يورۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، سېرىق نۇر چىقارسا، يورۇقلۇقنىڭ بەك كۈچلۈكلۈكىنى (750 ليۇكستىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى)؛ يېشىل نۇر چىقارسا يورۇقلۇقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىكىنى بىلدۈرىدۇ، كۆزنى ئاسراش قەلىمىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.
ئالاھىدە قەلەم. ئەينەك، ساپال، مېتال، سۇلياۋ ياكى خۇرۇملارغا خەت يېزىش، سىزىق سىزىش، بەلگە سېلىشقا توغرا كەلگەندە ئالاھىدە قەلەم ئىشلەتكەن ياخشى، مۇنداق قەلەمنىڭ ماتېرىيالىغا نۇرغۇن ماي ۋە پارافىت ئىشلىتىلىدۇ؛ يەنە مەلۇم دەرىجىدە بوياق قوشۇلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ماي كۆپ بولغاچقا، ئەينەك قاتارلىق ماددىلارغا خەت يازسا چىقىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا يۇقىرىدىكى بۇيۇملارغا ئېنىق سىزىق ۋە ئىز قالدۇرغىلى بولىدۇ.
ئۆڭىدىغان قەلەم. ماشىنىچى كىيىم كەسكەندە رەختكە جىجايدۇ، كىيىم پۈتكەندىن كېيىن سىزىقنىڭ ئىزى قالمىسىكەن دەيدۇ، رەسسام ئىجادىيەت جەريانىدا رەسىم ئورىگىنالىنى خالىغانچە تۈزىتىشنى ئويلايدۇ، كېرەكسىز سىزىقلار تېز ئۆچسىكەن دەيدۇ. ھازىر بىر خىل ئۆڭىدىغان قەلەم بار، كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى گاڭبىيدىن ئانچە پەرقى يوق، قەلەمگە خىمىيىۋى ئىندىكاتور بىلەن تەڭشەلگەن سىياھ ئىچۈرۈلىدۇ، سىياھ تەركىبىدىكى ئىندىكاتور ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىندىكاتوردا خىمىيىۋى ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، رەڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆڭۈپ كېتىدۇ.
تېمپېراتۇرا ئۆلچەيدىغان قەلەم. قەلەمگە تەركىبىدە سۇيۇق كرىستاللىق بىرىكمە بار سىياھ ئىچكۈزۈلىدۇ. قەلەم بىلەن ئىسسىق بۇيۇمنىڭ ئۈستىگە سىزىق سىزغاندا، سىزىق رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، شۇ جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، سىزىق يېشىلدىن قىزىلغا ئۆزگەرمىسە، سىرتقى يۈز تېمپېراتۇرىسىنىڭ ℃ 98 − ℃ 100 قا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر تېخىمۇ ئېنىق تېمپېراتۇرىنى بىلىشكە توغرا كەلسە، تېمپېراتۇرىسى يېقىنلىشىدىغان تېمپېراتۇرا ئۆلچەيدىغان بىرنەچچە قەلەم بىلەن بىرلا ۋاقىتتا سىزىق سىزغاندا، رەڭگى ئۆزگەرگەن بىرىگە قاراپ، تېمپېراتۇرىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، تېمېپراتۇرا ئۆلچەيدىغان قەلەمنىڭ ئۆلچەش دائىرىسى ℃ 70 — ℃ 560 بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.