قەغەزنىڭ تۆھپىسى
مەدەنىي بۇيۇملار
يېغىلىق دەۋرىدە خۇي شى ئاتلىق بىر ئۆلىما بولغانىكەن، ئۇ سەپەرگە چىقسا، بەش ھارۋا كىتابىنى بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن. كېيىنكىلەر بىر كىشىنىڭ بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى «بىلىمى بەش ھارۋا كېلىدۇ» دەپ سۈپەتلەيدىغان بوپتۇ، ئەمەلىيەتتە، خۇي شىنىڭ ئېلىپ يۈرگەن كىتابلىرى بامبۇك تارىشىغا ئويۇلغانىكەن، ئەگەر ئۇلارنى ھازىرقى قەغەزگە باسسا، بىرەر سومكىغىلا پېتىپ كېتىدىكەن. قەغەزنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك تۆھپىدۇر.
ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز يىپەكتىن ئىشلەنگەن، بۇنداق قەغەزگە پۈتۈلگەن كىتاب «يىپەك كىتاب» دېيىلىدۇ.
ھازىر قەغەز دەرەخ قوۋزىقى، قومۇش، بامبۇك، شال - بۇغداي پاخىلى قاتارلىق ئۆسۈملۈك تالالىرىدىن ياسىلىدۇ. ئاۋۋال بىرمۇنچە ئىش قوشۇپ قەغەز بوتقىسى قىلىپ، ئاندىن قەغەز ماشىنىسى ئارقىلىق توپ - توپ ياكى ۋاراق - ۋاراق ئاپئاق قەغەزگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.
قەغەزنىڭ تۈرى كۆپ، ھازىر ئېلىمىزدە500 خىلدىن كۆپرەك قەغەز ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئىشلىتىش ئورنى جەھەتتىن ئايرىغاندا، گېزىت باسىدىغان ئاخبارات قەغىزى، كىتاب باسىدىغان كۆپۈنگۈ باسما قەغەز، رەسىم باسىدىغان رېزىنكە باسما قەغەز ۋە مىس باسما قەغەز، دەپتەر باسىدىغان خەت - چەك قەغىزى، نەرسە - كېرەك ئورايدىغان ئورۇ قەغەز قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئالاھىدە قەغەزلەر بار.
بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى شۇ دۆلەتنىڭ يىللىق كىشى بېشى ئىستېمال قەغىزىنىڭ مىقدارى بىلەن ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدۇ.1987 - يىلى دۇنيا نوپۇسى5 مىليارد، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەغەز سەرپىياتى40 كىلوگرام بولۇپ، سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ300 كىلوگرامغا يەتكەن بولسا، ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشى قەغەز سەرپىياتى10 كىلوگرام بولدى.