UyghurWiki
UyghurWikiمەدەنىي بۇيۇملارشۈەنزى قەغىزى

شۈەنزى قەغىزى

مەدەنىي بۇيۇملار جۇڭگوچە رەسىملەردىكى قىسقۇچپاقا، راك، تۇلپارلار خۇددى راستتەك كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردە شۈەنزى قەغىزىنىڭ بىر ئۈلۈش تۆھپىسى بار. شۈەنزى قەغىزى بىر قېتىملىق سۇ سۈمۈرۈشچانلىق خۇسۇسىيىتى بولغانلىقتىن، رەسىمنى سىزغان، رەڭ بەرگەندە يېيىلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا قەغەزدە پەقەت سۇ تەركىبىلا يېيىلىدۇ، رەڭ چۈشكەن ئورنىدا مۇقىملىشىپ قالىدۇ. شۇڭا، قەلەمنىڭ سىياھىنى مۇۋاپىق ئىگىلىسىلا، قاتلاملىرى ئېنىق، رەڭ - سىياھلىرى جانلىق بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۈەنزى قەغىزىنىڭ «قەغەز پادىشاھى» دەپ نامى بار. قارىماققا، ئۇ ئادەتتىكى قەغەزلەردىن نېپىز، ئاق، خام ئەشياسى ئادەتتىكى قەغەزلەرگە زادىلا ئوخشىمايدۇ. شۈەنزى قەغىزى كۆك سەندەل قوۋزىقى ۋە شال پاخىلىنى ئۇزاق ۋاقىت چىلاش، تۇزلاش، ھورلاش، يۇيۇش، كۈن نۇرىدا ئاقارتىش ۋە قەغەز بوتقىسىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. بوتقا ئوقۇرىغا مۇۋاپىق مىقداردا كارامبولا شىرنىسى سېلىنىدۇ، ئىككى ئىشچى بىر بامبۇك پەردىنى كۆتۈرىدۇ، ئوقۇردىن نېپىز قەغەز بوتقىسى ئېقىپ چىقىپ، ھەر تەرەپكە چايقىلىدۇ. نەتىجىدە، تالالار تەكشىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاراق ھۆل شۈەنزى قەغىزى پۈتىدۇ، ھۆل شۈەنزى قەغىزى سۈزۈۋېلىنىپ، چوڭ بىر پارچە پۇرچاق پىشلىقى (دۇفۇ) غا ئوخشاش دەستىلىنىدۇ، سىقىپ، قاقلاپ، گىرۋەكلىرىنى كەسكەندىن كېيىن تەييار مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ. شۈەنزى قەغىزى خام شۈەنزى ۋە پىششىق شۈەنزى دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەتتە دېيىلىدىغان شۈەنزى قەغىزى خام شۈەنزىدۇر. شۈەنزى قەغىزىگە يېلىملىق زەمچە بېرىلگەندىن كېيىن پىششىق شۈەنزى قەغىزىگە ئايلىنىدۇ، ئۇ ساپ شۈەنزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پىششىق شۈەنزى سۇ يايمايدۇ، نەپىس رەسىم سىزىشقا باب كېلىدۇ؛ بىراق، ئۇزاق ساقلانسا تىتىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكى. ئېلىمىزنىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى جىڭشيەن ناھىيىسى شۈەنزى قەغىزىنىڭ يۇرتى. شۈەنزى قەغىزىنىڭ تارىخى ئۇزۇن. كېيىنكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا،1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. شۈەنزى قەغىزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇزۇن چىدايدۇ، نەچچە يۈز يىللارغىچە سارغايمايدۇ، تىتىلمايدۇ، باشتىن - ئاياغ سارغۇچ ھالەتتە تۇرىدۇ. چۈنكى، شۈەنزى قەغىزىنىڭ تەركىبىدە ئارىلاشما ماددىلار ئاز، مېتال ئىئونلىرى ۋە كىسلاتالىق ماددىلار يوق ھېسابىدا، سېللۇلوزا ئوڭاي ئۆڭمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆك سەندەل قوۋزىقىنىڭ تالالىرى قۇرتتىن ساقلاش رولىغا ئىگە. مۇۋاپىق ساقلانسىلا، شۈەنزى قەغىزىگە ئىشلەنگەن ھۆسنخەت ۋە رەسىملەر ئوڭايلىقچە كۈيە يېمەيدۇ. شۇڭلاشقا، بىز مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى مۇزېي ۋە كۇتۇپخانىلاردا تارىخى ئۇزۇن كىتاب ۋە رەسىملەرنى كۆرەلەيمىز.
← بارلىق تېمىلار مەدەنىي بۇيۇملار
شۈەنزى قەغىزى | UyghurWiki | UyghurWiki