رەڭگى ئۆزگىرىدىغان سىياھ
مەدەنىي بۇيۇملار
ئەڭ دەسلەپكى سىياھ قازاننىڭ قۇرۇمى بىلەن سۇنى تەڭشەپ ياسالغان. خەت يېزىش ۋاقتىدا ئاۋۋال دۈۋەتنى چايقاپ، قۇرۇمىنى ئۈستىگە لەيلىتىپ، ئاندىن قەلەمنى چىلاپ يېزىشقا توغرا كېلەتتى، تولىمۇ ئاۋارىچىلىك ئىدى. كېيىن، كىشىلەر سىياھقا ئەرەب يېلىمى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن قۇرۇممۇ تېگىگە ئوڭاي چۆكۈۋالمايدىغان بولدى.
ئېلىمىزدە ھەمىشە قارا كۆك سىياھ ئىشلىتىلىدۇ. يېڭى يازغاندا كۆك كۆرۈنىدۇ، ئۇزاققا قالماي قارىغا ئۆزگىرىدۇ، بۇ قانداق ئىش؟ ئەسلىدە، قارا كۆك سىياھنىڭ ئاساسىي تەركىبى تۆمۈرلۈك تاننات، ئۇ كۆكمۇ ئەمەس، قارىمۇ ئەمەس، بەلكى سۇس يېشىل ماددا. ئۇنىڭغا يەنە ئېرىيدىغان كۆك بوياق قوشۇلىدۇ. شۇڭا، يېڭى يازغاندا كۆك كۆرۈنىدۇ، ئاندىن ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن ئوكسىدلىنىپ، سىياھ تەركىبىدە تۆمۈرلۈك تاننات قارا رەڭلىك تۆمۈر تانناتقا ئۆزگىرىپ چۆكىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قارا كۆك سىياھ بىلەن يېزىلغان خەت كۆكتىن قارىغا ئۆزگىرىدۇ.
قارا كۆك سىياھتا يەنە سۇلفات كىسلاتاسى، فېنۇل، گلىتسېرىن ۋە پۇراقلىق ماددىلار بار، ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز رولىنى جارى قىلىدۇ. سۇلفات كىسلاتاسى سىياھنىڭ كىسلاتالىقىنى ساقلاپ، تېگىگە تىنىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، فىنۇل مىكروب ئۆلتۈرۈپ، سىياھنى سېسىشتىن ساقلايدۇ؛ گلىتسېرىن سىياھنىڭ توڭلاش نۇقتىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قىشتىمۇ توڭلاتمايدۇ؛ پۇراقلىق ماددىلار مەززىلىك پۇراپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ.
ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، دۈۋەتنىڭ ئاغزىنى جەزمەن چىڭ ئېتىۋېتىش كېرەك، بولمىسا ھاۋا كىرىپ، سىياھتىكى تۆمۈرلۈك تانناتنى ئوكسىدلاپ، قارا چۆكمىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
سىياھنىڭ ماركىسى تولا، تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوخشىمىغان زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان ياكى ئوخشىمىغان ماركىدىكى سىياھلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە، ئېشىپ قالغان سىياھنى يېڭى سېتىۋالغان قۇتىغا تۆكۈشكە بولمايدۇ، بولمىسا تەييارلىنىش ئۇسۇلى ھەر خىل بولغان سىياھلارنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ.