UyghurWiki
UyghurWikiماسالقۇشلارنىڭ ماھارەت ئۆگىنىشى

قۇشلارنىڭ ماھارەت ئۆگىنىشى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قارلىغاچ، قۇشقاچ، قاغا، سار، ھۇقۇش، توخۇلار توزنىڭ ئۇۋا ياساشنى بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ماھارەت ئۆگىنىشكە بېرىپتۇ. - بىر ماھارەتنى ئۆگىنىش ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم سەۋرچان بولۇش كېرەك. سەۋرچان بولمىغاندا ھېچنېمىنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ،... دەپ توز سۆز باشلىشىغا توخۇ ئۇخلاشقا باشلاپتۇ. ھۇقۇش كۆڭلىدە: توز ئۆزى چىرايلىق بولغان بىلەن ماھارىتىنىڭ قالتىس بولۇشى ناتايىن. مەن بۇ يەردە نېمە قىلاتتىم! دەپ ئويلاپتۇ - دە، توزنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، كۈلگەنپېتى ئۇچۇپ كېتىپتۇ. توز سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ: - ياخشى ئۇۋا ياساش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاساسنى ياخشى سېلىشىمىز كېرەك. ئاندىن چوڭراق شاختىكى ئاچىماق جاينى تاللىشىمىز كېرەك... بۇنى ئاڭلىغان سار: - ھە، ئاسان گەپ ئىكەنغۇ، بىر ئاڭلاپلا ئۆگىنىۋالدىم، - دەپتۇ - دە، قاناتلىرىنى قېقىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. توز يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ: - ئۇششاق شاخ - شۇمبىلارنى بىر - بىرىدىن رەتلىك تىزىپ... بۇ چاغدا قاغا: - بولدى، بۇنى مەنمۇ بىلىۋالدىمغۇ! - دەپتۇ - دە، قاقىلدىغىنىچە ئۇمۇ كېتىپ قاپتۇ. - ئۇۋىنى بۇنداق ياساش، تېخى ئانچە ياخشى ھېسابلانمايدۇ. بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن ئۇۋىنى تاغ ئۈستى ۋە ئۆيلەرنىڭ پېشايۋان ئاستىغا ياسىغاندا، شامال چىقىپ، يامغۇر ياغسىمۇ قورقمايدىغان بولىمىز...، - توز سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، قۇشقاچ: ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە بىلىۋالدىم، ئۇۋا دېگەننى ئاشۇنداق ياسىسىلا بولىدىغان گەپ ئىكەنغۇ، دەپ ئويلاپ، ئۇمۇ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. توز يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ: - ئاندىن كېيىن، لاي ئەكىلىپ، لاينىڭ ھەر بىر قەۋىتىگە تۈك ۋە ئوت - خەسلەرنى ياتقۇزىمىز، شۇندىلا ياخشى ئۇۋا ياساپ چىققىلى بولىدۇ. توز سۆزلەۋاتقاندا، توخۇ ئۇخلاپ قالغانلىقتىن ھېچنېمىنى ئاڭلىماپتۇ، شۇڭا ئۇ تا ھازىرغىچە ئۇۋا ياساشنى بىلمىگەچكە، پەقەت كىشىلەر ياساپ بەرگەن تەييار ئۇۋىدىلا يېتىپ تۇغىدىكەن. ھۇقۇش ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ئۇۋا سېلىشنى ئۆگەنمىگەچكە، پەقەت دەرەخ شېخىدا دۈگدىيىپ ئولتۇرۇشنىلا بىلىدىكەن. سار ئاچىماق شاخنى كۆرسىلا، شۇنىڭغا قونۇۋالىدىكەن. قاغا ئۇۋا سېلىشنى چالا - بۇلا بىلگەچكە،سالغان ئۇۋىسىنى پۇختا بولمىغانلىقتىن، بوران چىقسا ئاسانلا چۇۋۇلۇپ كېتىدىكەن. قۇشقاچ بولسا پېشايۋاننىڭ ئاستىلىرىغا، قاپقاراڭغۇ كامارلارغا ئۇۋا سالىدىكەن. پەقەت قارلىغاچلار كۆڭۈل قويۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشاپ ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە ئۆگەنگەچكە، ناھايىتى ئەپچىل، پۇختا ئۇۋا ياساشنى ئۆگىنىۋاپتۇ، شۇڭا ئۇ شامال چىقىپ، يامغۇر ياغقان چاغلاردىمۇ ئۇۋىسىدا بەخىرامان ھۇزۇرلىنىپ يېتىۋېرىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ماسال