كالېندار
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كىشى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا، تامغا ئېسىقلىق تۇرغان كالېندارنىڭ تۈنۈگۈنكى چېسلاسىنى يىرتىۋېتىپتۇ.
- توختاپ تۇرۇڭ، - دەپتۇ كالېندار، - مېنى نېمىشقا يىرتىۋېتىسىز؟
- نېمىشقا يىرتىۋەتمەيمەن. سەن تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتىڭ ئەمەسمۇ، - دەپتۇ ئۇ كىشى.
- توغرا دېدىڭ، مەن تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتىم، سەن ھەر كۈنى مۇشۇنداق >تۈنۈگۈنكى چىسلا< لاردىن تالاي - تالاينى يىرتىۋەتتىڭ، ئەمما سەن شۇ تۈنۈگۈندە نېمە قالدۇرۇپ كەتتىڭ؟
ھېلىقى كىشى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئويغا چۆمۈپتۇ.