دوستلۇق بۇرچى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
دوست بولۇپتۇ بەك يېقىن،
ئوغلاق بىلەن قۇزىجان.
بىللە ئويناپ، كۈلۈپتۇ،
ھەر كۈن خۇشال - شادىمان.
ئىككىسىنىڭ دوستلۇقى،
ئۇزۇن داۋام قىلىپتۇ.
ئىككىسى شۇ دوستلۇقنى،
جاندىن ئەزىز بىلىپتۇ.
بۇ جەرياندا قوزىجان،
ئوغلاققا بەك سەپساپتۇ.
دوستىنىڭ بىر قىلىقى،
كۆڭلىگە ھېچ ياقماپتۇ.
يەنى، ئوغلاق بەزىدە،
باشقۇرالماي ئۆزىنى؛
كىچىك ياكى چوڭ دېمەي،
تىللايدىكەن ئۆزگىنى.
كېتىپ بېرىپ بىرلىكتە،
ئوغلاق، قوزا بىر كۈنى:
ئۇرۇۋاپتۇ كېيىككە،
ئوغلاق بىردىن ئۆزىنى.
سەۋەنلىكنى ئوغلاقجان،
ئۆزىگە ھېچ ئالماپتۇ.
بۇزۇپ شۇئان ئاغزىنى،
كېيىكجاننى تىللاپتۇ.
قوزا شۇ چاغ ئوغلاقنى،
يامان سۆزدىن توسۇپتۇ.
قولىن تۇتۇپ دوستىنىڭ،
دەريا ياققا باشلاپتۇ.
ئوغلاق ئۇندىن سوراپتۇ:
- ئاداش نەگە بارىمىز؟
قوزا دەپتۇ: - دەرياغا،
بېرىپ ئويناپ كېلىمىز.
ئوغلاق دەپتۇ: - ئەي ئاداش،
ئۇ تەرەپكە بارمايلى.
ھېچ ئۇسساپمۇ كەتمىدىم،
مۇشۇ يەردە ئوينايلى.
قوزا دەپتۇ: - جان دوستۇم،
ئاغزىڭ مەينەت بولۇپتۇ.
يۇيۇۋېتىپ كېلەيلى، -
دەپتۇ قاراپ كۈلۈپتۇ.
قىزىرىپتۇ ئوغلاقجان،
دوستىنىڭ بۇ سۆزىدىن.
خىجىللىقنىڭ ئۇچقۇنى،
چاقناپتۇ جۈپ كۆزىدىن.
شۇندىن كېيىن ئوغلاقنىڭ،
بۇ قىلىقى تۈگەپتۇ.
دوستىنىڭ شۇ سۆزلىرى،
ئۇنى ياخشى تۈزەپتۇ.