UyghurWiki
UyghurWikiماسالزىراپىنىڭ ئۇزۇن ئۆتۈكى

زىراپىنىڭ ئۇزۇن ئۆتۈكى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ھايۋانات بازىرىدا بىردىنلا يامغۇر يېغىپ پاتقاق بولۇپ كېتىپتۇ. مۈشۈك، تۈلكە، ئىت، قۇلان قاتارلىقلار ئۇزۇن ئۆتۈك كىيىشكە مەجبۇر بوپتۇ. زىراپىنىڭ ئۆتۈكى بولمىغاچقا، موزدۇز كالىنى ئىزدەپ تېپىپ: - كالا تاغا، ماڭىمۇ ئۇزۇن ئۆتۈكتىن بىرنى سېتىپ بەرسىڭىز، - دەپتۇ. موزدوز كالىدا ئۇنىڭغا خوپ كەلگۈدەك ئۆتۈك يوق ئىكەن، شۇڭا: - مەن سىزنىڭ پۇتىڭىزنى ئۆلچەپ كۆرۈپ، ئاندىن بىرنى تىكىپ بېرەي، - دەپتۇ ئۇ. زىراپىنىڭ پاقالچىقى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، موزدۇز كالا ئۇنىڭ پاقالچىقىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئورۇندۇققا چىقىپ - چۈشۈپ يۈرۈپ بەك ھېرىپ كېتىپتۇ. - كالا تاغا، ئۆتۈكنى قاچان تىكىپ بېرىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ زىراپە. - ئۆگۈنلۈككە كېلىپ ئەكىتىڭ، - دەپتۇ كالا. ئۆگۈنىسىمۇ بوپتۇ، ئەمما كالا ئۆتۈكنى تىكىپ بولالماپتۇ. ئۇ زىراپىگە يەنە: - ئۆگۈنلۈككە كەلسىڭىز، - دەپتۇ. زىراپە پاتقاق كېچىپ قايتىشقا مەجبۇر بوپتۇ. يەنە ئۆگۈنىسى بوپتۇ، ئەمما ئۆتۈك تېخىچە پۈتمەپتۇ. - پۇتلىرىم پاتقاقتا مەينەت بولۇپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتۈك كىيەلمىگەنلەردىن پەقەت مەنلا قالدىم، - دەپ يىغلاپتۇ زىراپە، بىراق موزدوز كالا ھەر قانچە كۈچەپ باققان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتۈك يەنىلا پۈتمەپتۇ. ئاخىر زىراپە موزدوز كالا بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. - موزدوز كالا، سەن يالغان سۆزلەيدىغان ئەسكى بىر نېمە ئىكەنسەن، - دەپتۇ زىراپە. - بىراق سېنىڭ پۇتۇڭمۇ بەك ئۇزۇن ئىكەن، - دەپتۇ موزدۇز كالىمۇ. ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى كەپتۇ. بەزىلىرى: >زىراپىنىڭ خاپا بولۇشى يوللۇق< دەپتۇ، بەزىلىرى: >موزدۇز كالىغا بەك ئۇۋال بوپتۇ< دېيىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھايۋانلار ئىككى تەرەپ بولۇپ سوقۇشۇپ كېتىپتۇ. ھەش - پەش دېگۈچە ھايۋانلار بازىرىدا، لاي، توپا جېڭى باشلىنىپتۇ. بۇ چاغدا، يوغان باش قوڭۇر ئېيىق ئىككى تەرەپ بولۇپ قالغان ھايۋانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپتۇ - دە، ئىككى قولىنى ئىككى ياققا يېيىپ تۇرۇپ: - قىلالمايدىغان ئىشقا كالىنىڭ ماقۇل بولغانلىقى ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس. ھازىر ھەممەيلەن بىرلىكتە يوللارنى رېمونت قىلايلى، قانداق دەيسىلەر؟ - دەپتۇ. ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ باشلىرىنى لىڭشىتىپتۇ، شۇ ئەمەسمۇ، ئۇزۇن ئۆتۈك كىيىمىز دەپ ئۇرۇشقاندىن نېمە پايدا؟ چىرايلىق يولدىن بىرنى ياسىۋالسا بولمىدىمۇ؟
← بارلىق تېمىلار ماسال