تېرىق دانىسى ۋە كالا
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
مەيىن شامال چىقىپ ئېتىزلىقتىكى تېرىق باشاقلىرىنى دولقۇنلىتىشقا باشلىدى. بېشىنى كۆتۈرەلمەي تۇرغان بولۇق بىر باشاقتىن ساپسېرىق بىر دان چۈشۈپ كەتتى ۋە ئىڭرىغىنىچە ھارۋا يولىغا دومىلاپ كەتتى. ئۇ تۇپراققا:
- بىرەر يېرىڭنى ئاغرىتىۋەتتىممۇ؟ ئەپۇ قىلغىن! گۇناھ مەندە ئەمەس، شامالدا، ئۇ مېنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى، - دېدى.
- كېرەك يوق، - دېدى تۇپراق، - ئۇرۇشتا مېنىڭ ئۈستۈمگە بومبىمۇ چۈشىدۇ.
تېرىق بىردىنلا ئاھ ئۇرۇشقا باشلىدى. تۇپراق ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭدىن:
- نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ئاھ ئۇرىسەن؟ - دەپ سورىدى.
- قاناتلىرىم يوقلۇقىغا ئېچىنىپ ئاھ ئۇرىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى تېرىق.
- قاناتنى نېمە قىلاتتىڭ؟
- ساياھەت قىلىپ بۇ يەردىن كېتەتتىم، ساڭا ئېغىزىمنى سېلىشنى خالىمايمەن.
تۇپراق قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- نېمىشقا كۈلىسەن؟ - دەپ سورىدى تېرىق.
- سېنىڭ ئەقلىڭگە كۈلۈۋاتىمەن. سۇ بويىدىن كېلىۋاتقان ئاۋۇ كالىنى كۆرۈۋاتامسەن؟ ماڭا ئۇ ئېغىرلىق قىلمايۋاتقاندا، سەن نېمە ئىدىڭ. ۋاي، ھاماقەت دانچاق! قېرىغىنىمدا مېنى ئەجەبمۇ كۈلدۈردۈڭ - ھە!
تېرىق دانىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ يوغان مۈڭگۈزلۈك چوڭ بىر كالىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. تېرىق ماختانچاقلىق بىلەن تۇپراققا پىچىرلىدى:
- بۇ كالا مەندىنمۇ ئېغىر ئەمەسقۇ!
تۇپراق قايتىدىن قاقاقلاپ:
- سەندىن ئېغىر ئەمەسمىكەن؟ ۋاي، نادانەي، ۋاي ھاماقەت، - دەپ يەنىمۇ قاتتىق كۈلۈشكە باشلىدى.
يەر قاتتىق كۈلكىدىن تەۋرىنىپ كەتتى.
- نېمىشقا كۈلۈۋاتىسەن؟ مېنى يىقىتىۋېتىدىغان بولدۇڭغۇ! - دەپ كالا تۇپراققا ۋارقىرىدى.
- بىر تال تېرىققا كۈلۈۋاتىمەن. ئۇ سېنىڭ بىلەن بوي تالاشماقچىمىش.
- قېنى، قەيەردە ئۇ تېرىقجان؟ ئۇنى كۆرۈپ باقاي، - دەپ كالا ھۆركىرەپ كەتتى.
- ئەنە، ھارۋا يولىدا.
كالا يوغان بوينىنى سوزۇپ تېرىقنى ئىزدەشكە باشلىدى ھەمدە بۇرنىنى يەرگە يېقىنلاشتۇردى:
- قەيەردىسەن دانچاق؟
- مەن ماۋۇ يەردە، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىۋاتىسەن. تاغدەك يوغان بىر تېرىقمەن، - دېدى تېرىق. ئۇنىڭ ئاۋازى پاشىنىڭ ئاۋازىدىنمۇ زەئىپ ئىدى. كالا ئاۋاز چىققان تەرەپكە نەزەر سالدى - دە، كۆزلىرى پارقىراپ ئالىيىپ كەتتى. ئاندىن كېيىن بىر پۇشقۇرۇۋېدى، ئۇنىڭ تىنىقىدىن ئۇچۇپ كەتكەن تېرىق يەرنىڭ يېرىقىغا بېرىپ چۈشتى ۋە ئۇ يەردە ئۈنىنى چىقارماي، ئۆز - ئۆزىگە:
- بۇ شامال چىقىپ مېنى يىراقراق ئۇچۇرۇۋەتكىنى ياخشى بولدى. بولمىسا مۇشۇ غەزىپىمدە يۇمىلىغىمىنچە بېرىپ تەكەببۇر كالىنى يانجىۋەتكەن بولاتتىم، - دەپ سۆزلەشكە باشلىدى.