UyghurWiki
UyghurWikiماسالئوق بىلەن قارچىغا

ئوق بىلەن قارچىغا

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى >ۋىژ< قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر تال يا ئوقى ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن قاچىغىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، كۆك قەھرىگە كىرىپ كېتىپتۇ، ئەمما بىردەمدىلا يەنە يەرگە چۈشۈپتۇ. يەرگە چۈشكەن ئوق ئاسماندا ئەگىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان قارچىغىغا قاراپ: - ئەي قارچىغا، سەن نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئېگىز ئۇچالايسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. قارچىغا پولاتتەك قاناتلىرىنى قېقىپ تۇرۇپ: - سەن باشقىلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىردەملىك كۈچكىلا تايىنىسەن، مەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ئوق بىلەن قارچىغا | UyghurWiki | UyghurWiki