UyghurWiki
UyghurWikiماسالقۇشقاچ بىلەن تورغاينىڭ سۆھبىتى

قۇشقاچ بىلەن تورغاينىڭ سۆھبىتى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قۇشقاچ بىر كۈنى دېدى بىر سۆز تورغايغا: - ئاداش نېچۈن قونالمايسەن قارىغايغا؟ ياتار يېرىڭ يەردۇر، كۆكتە ئۇچساڭمۇ؟ تاڭ شامىلى راھىتىنى قۇچساڭمۇ؟ سەندەك ئېگىز ئۇچمىساممۇ پەلەككە، مانا قارا، يەتتىم ئارزۇ - تىلەككە. ماكانىمۇ ئېگىز تامنىڭ ئۈستىدە، بۇ راھەتتىن كۆڭلۈممۇ زەپ ئۆستى - دە! - قانات بەردى ماڭا، ئانا - تۇپرىقىم، - دەپتۇ تورغاي، - راھەت كۆكتە ئۇچمىقىم. بىردەم ئۇچۇپ كۆكتە مەغرۇر قاقسام پەر، قونالغۇمدۇر يەنە ماڭا ئانا يەر. ئوزۇقۇممۇ كېلەر مېنىڭ شۇ يەردىن، ئانا تۇپراق ئارتۇق ماڭا گۆھەردىن. ئۇۋاممۇ بار مېنىڭ ئانا تۇپراقتا، مەن ئامراقمەن ھەر گىياھ، ھەر ياپىراققا. قۇشقاچ لام - جىم دېيەلمەستىن بۇ سۆزگە، كۆتۈرۈلۈپتۇ خىجىللىقتىن ئېگىزگە.
← بارلىق تېمىلار ماسال