مەش، كاناي ۋە لاخشىگىر
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
مەش: ئاھ - ۋاھ! نەقەدەر،
ئەتىۋارلىق مەن.
دوستۇم كانايچاق،
بىلىسەن ھەم سەن.
قىش قەھرىتاندا،
سارايدا ئورنۇم.
ھارارەت بېرەر،
گۈلدەك يالقۇنۇم.
قەدىرلەر شۇنچە،
ئىگەممۇ مېنى؟
ھەسەت قىلمايدۇ -
دەيمەن ھەم سېنى.
كاناي: نەدىكى گەپنى -
قىلىسەن مەشباي.
نېمىدەپ ساڭا
مەن ھەسەت قىلاي.
ئېيتقانلىرىڭغۇ -
ئورۇنلۇق، ئەمما -
ئېلىپ قويمىدىڭ
مېنى بىر تىلغا...
مەش: ھە، مۇنداق گەپ بار-
دېگىن كانايجان،
كۆرەلمەسلىكىڭ،
بۇمۇ ھە قاچان...
ئورۇقسەن، سەتسەن،
بولساڭمۇ پۈتۈن.
بويۇڭمۇ ئەگرى،
ئىچىڭ ھەم تۈتۈن.
بولساڭمۇ كاشكى،
مېنىڭدەك سېمىز.
بولاتتى ئاندىن،
ئاچساڭمۇ ئېغىز.
كاناي:مەشباي ئېيتقىنىڭ،
راستمۇ، چاقچاقمۇ؟
بويۇم ئەگرى، راست،
ئىشىم راۋانغۇ.
ئىچىم قۇرۇم، راست،
بۇ بار پاراڭغۇ.
بۇنىڭ ھەممىسى،
بىلسەڭ سەن ئۈچۈن.
چاغلىق ئابرۇيۇڭ،
تارتمىسام تۈتۈن.
لاخشىگىر: مەش جاناب، ئەجەپ،
قاپسەنغۇ قايناپ!
لاۋزا پاراڭنى،
ئوڭ - تەتۈر چايناپ!؟
كاناينى تالاي،
قىلدىڭ ھاقارەت.
قالتىسكەن سەندە،
بۇنداق >ماھارەت<.
ھارارەت چېچىپ،
سائادەت تېپىش؛
يوقتۇر جاھاندا،
ئۇنداق ئاسان ئىش!
مەن ئوتنى تۈزەپ،
قېقىشتۇرمىسام؛
كۈلۈڭنى كۈندە،
يىغۇشتۇرمىسام؛
تارتماڭغا پاتمان،
كۈللەر تىقىلىپ؛
ئىچىڭگە داشقال،
قالار يىغىلىپ.
شۇندا كۆزۈنى،
چاپاق باسمامدۇ؟
ئىگەڭ ئېغىلغا،
سولاپ قويمامدۇ؟
ئۆزۈڭنى ئانچە،
شەر چاغلاپ كەتمە.
تىنچ تۇرساق، بىزنى -
يەر چاغلاپ كەتمە.
ئالدىڭدا پېقىر،
كەينىڭدە كاناي،
بولغىنى ئۈچۈن،
ناخشاڭدۇر >جانەي<.