ئاتنىڭ تۈگىدىن ئۆگىنىشى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر ئات خوجايىننىڭ تۆگىنى >چۆل كېمىسى< دەپ ماختىغىنىنى ئاڭلاپ: >نېمە ئۈچۈن مەنمۇ تۆگىدىن ئۆگىنىپ، خوجايىنىمنىڭ ماختىشىغا ئېرىشمەيمەن؟ دەپ ئويلاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئات ئېغىلدىن غىپپىدە چىقىپتۇ - دە، تۆگىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. ئات تۆگىنىڭ دۈمبىسىنىڭ ئېگىز، پۇتىنىڭ چوڭ، بوينىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ: بوينۇمنى ئۇزارتىشقا بولمايدىكەن، ئۇنىڭدىن كۆرە تۈگۈلۈپ تۇرۇپ دۈمبەمنى چىقارسام، پۇتۇمغا ئاياغ كىيسەم مەنمۇ >چۆل كېمىسى< بولىدىكەنمەن ئەمەسمۇ. دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ.
ئەتىسى ئات تازا تۈگۈلۈپ دۈمبسىنى چىقىرىپ، پۇتىغا ئاياغ كىيىپ، خوجايىننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ ماختىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. كىم بىلسۇن، خوجايىن ئاتنى تونۇمايلا قالماستىن، بەلكى: >قەيەردىن كېلىپ قالغان غەلىتە مەخلۇق بۇ؟< دەپ قىزىقسىنىپ قاراپتۇ.
- خوجايىن، مېنى تونۇمايۋاتامسىز؟ - دەپتۇ ئات تېرىكىپ.
- ئاۋازىڭغا قارىغاندا ئاتقا ئوخشاشتەك قىلىسەن، لېكىن...
- ۋاي خوجايىن، مەن ئۆزىڭىزنىڭ ئېتى شۇ، تۆگىدىن ئۆگىنىپ مۇشۇنداق بولدۇم.
بۇنى ئاڭلىغان خوجايىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
- سەن ئۆزۈڭنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن تۆگىنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن ئۆگىنىسەن؟ قارا سېنى، نېمىگە ئوخشىشىپ قالغانسەن! - دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان ئات قىلمىشىدىن بەكمۇ خىجىل بوپتۇ.