ئاسلان ئويغاندى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئەركە ئۆستى كەنچى ئاسلان،
گەپكە قۇلاق سالماي ھامان،
كۆڭۈل قويماي ھۈنەرگە ئۇ،
يۈردى ئويناپ ھەر يەردە ئۇ.
ئانا مۈشۈك غەمگە چۆكتى،
ئاڭا يۈرەك سۆزىن تۆكتى:
- بەڭباشلىقنى ئەمدى تاشلا،
ئويناپ يۈرمەي ئىشنى باشلا.
ئۆگەن مەندىن تەلىم ئېلىپ،
چاشقانلارغا دەھشەت سېلىپ.
چاشقان كېلەر قۇۋ - ھىيلىگەر،
نائۇستىنى ئالداپ كېتەر.
ئامبارلاردا ئاشلىق پەۋەس،
كۆزەتچىلىك ئاسان ئەمەس.
كۈلدى ئاسلان بۇنى ئاڭلاپ،
سۆزلەپ كەتتى ئۆزىنى داڭلاپ:
- خاتىرجەم بول، جېنىم ئانا،
چۈجىلەرنى كۈزدە سانا.
ئوغلۇڭ ئەمەس ئۇنچە نادان،
كىمدىن كېيىن قالغان قاچان؟
چاشقان تۇتۇش تۇرسا ئادەت،
ئۆگىنىشكە نېمە ھاجەت؟
ۋاقتى كەلسە تۇتالايمەن،
جەڭدە جەزمەن ئۇتالايمەن...
× ×
كېلىپ نۆۋەت ئاسلانغىمۇ،
بولدى ساقچى ئامبارغا ئۇ.
ئاسلان كۆڭلى خۇشال ئىدى،
سۈرۈپ شېرىن خىيال دېدى:
- كەلسە ئەگەر بىر توپ چاشقان،
ھېچبىرىنى قويماي ئامان.
داڭق چىقارسام پالۋان بولۇپ،
قالسۇن ئانام ھەيران بولۇپ.
يەيدۇ ئانام بىكارغا غەم،
چاشقاندا يوق ھېچقانداق پەم...
كۆتۈرۈلدى بىردىن چۇقان،
چۆچۈپ كەتتى كەنجى ئاسلان.
كۆردى ئۇ ئۆز ئانىسىنى،
بېرىپتۇ ياۋ جاجىسىنى.
كۆرۈنمەيتتى بىر دۆۋە دان،
ياتاتتى بىر تۇلۇم چاشقان.
- بولدى زىيان، - دېدى ئانا، -
قىلالمىدىڭ بۇرچۇق ئادا.
يارىمايدۇ ھاڭۋاقتىلىق،
تۇرسۇن ئەستە ساۋاق ئېنىق...
كەنجى ئاسلان ئىككىنچى رەت،
سەگەك تۇرۇپ قىلدى كۆزەت.
تۈن تەڭ يېرىم بولغان چاغدا،
ئۈچ - تۆت چاشقان كەلدى ئاستا.
كەنجى ئاسلان تۇردى پايلاپ،
تۇتۇش ئۈچۈن يەڭ شىمايلاپ.
تەگدى چەشكە چاشقانلار تەڭ،
ئاسلان سەكرەپ باشلىدى جەڭ.
چاشقانلار تېز قاچتى ھەر يان،
تۇتالمىدى كەنجى ئاسلان.
- توختا! - دەپ ئۇ توۋلاپ كەتتى،
غەزەپ بىلەن قوغلاپ كەتتى.
چاڭ سالغاندا بىر چاشقانغا،
غىپلا ئالدى ئۆزىن يانغا.
قالدى ئاسلان يەر قۇچاقلاپ،
كەتتى چاشقان كۆپ يىراقلاپ.
قوپۇپ يەنە قوغلاپ كەتتى،
قوغلا - قوغلا، ئاخىر يەتتى.
تاشلانغاندا ئاسلان ئالغا،
بۇرۇلدى شارت چاشقان يانغا.
چاڭگىلىغا چىقتى پاخال،
بولدى ئاسلان خىجىل، ئوسال.
تۇتالمىدى زادى، بىراق،
چۆمدى تەرگە، تالدى ئاياغ.
يىغلىۋەتتى ئەلەم بىلەن:
- سەتچىلىك بۇ نېمىدېگەن!...
ئامبار تامان يول ئالدى ئۇ،
كېلىپ بۇندا تاڭ قالدى ئۇ.
قىلىنغانتى ئامبار رەسۋا،
- چۈشۈپتۇمەن دامغا، ئاپلا!
بىرى مېنى ئالداپ تۇرۇپ،
قالغانلىرى ئاپتۇ توشۇپ.
چاشقان راستتىن ئىكەن مەككار،
ئېيتماپتىكەن ئانام بىكار.
تېپىلمايدۇ ئەمدى ماڭا،
پۇشايماننى ئالار قاچا...
× ×
ئانىسىدىن ئېلىپ تەلىم،
ئىگىلەپ ئۇ بىر ئاز بىلىم.
ئۈچىنچى رەت قىلدى كۆزەت،
ھەريان قاراپ قىلىپ دىققەت.
كەلگەندە ياۋ ئوغرىلىققا،
تەمتىرىمەي بەردى سوققا.
ئۇۋىسىنى توستى ئاۋۋال،
تىترەپ كەتتى چاشقان غال - غال.
چاڭ سالدى ئۇ ئوقتەك بېرىپ،
ئۇردى يەرگە نىقتاپ بېسىپ.
كۆز يېشىنى تۆكتى چاشقان:
- قول قويغانمەن ساڭا پالۋان.
باشقىلاردىن ئاق كۆڭۈل، ساپ،
باش سەركەردە بولۇشقا باب.
ئەپسۇس، ئاناڭ چۈشەنمەيدۇ،
ساڭا ئانچە ئىشەنمەيدۇ.
سەندەك بولۇش ئاسان ئەمەس،
پەمىڭگە كىم قىلماس ھەۋەس.
قولۇڭدىن نى ئىش كېلەتتى،
ھەممە ساڭا باش ئېگەتتى.
ئۆزۈم بولسام موللا چاشقان،
زادى ئاشلىق يېمەيدىغان.
داڭقىڭ ئاڭلاپ كەلگەنىدىم،
كۆرۈشەي دەپ ئازار يېدىم.
مەيلى ئەمدى ئۆلتۈر مېنى،
ئارمىنىم يوق، كۆردۈم سېنى...
ئىككىلەندى ئاسلان ئاڭلاپ:
- ئالداي دەيسەن مېنى داڭلاپ،
ئاشلىق يېمەس قايسى چاشقان؟!
ئىشەنمەيمەن، سۆزۈڭ يالغان...
دېدى چاشقان بىر ئۇھ تارتىپ:
- يۈرمە بىكار گۇناھ ئارتىپ.
قاراپ باققىن قۇيرۇقۇمغا،
گۇۋاھ يېگەن ئوزۇقۇمغا.
زادى ئاشلىق يېمەيمەن دەپ،
قەسەم ئىچىپ، تۆۋە ئەيلەپ؛
كەسكەنىدىم قۇيرۇقۇمنى.
ئوت - چۆپ قىلىپ ئوزۇقۇمنى...
قاراپ ئاسلان قالدى ھەيران،
سوكال قۇيرۇق ئىدى چاشقان.
چاشقان سۆزلەر ئۆكسۈپ دە دەپ،
ئالدار ئىدى شېرىن سۆزلەپ.
يېقىن سۆزى ئاسلانغىمۇ،
قىلدى رەھىم چاشقانغىمۇ...
× ×
ئوغرىلانغان خېلى كۆپ چەش،
ئانا دىلىن قاپلىدى غەش.
كۆزەتچىلىك قىلدى ئۆزى،
چاقنار ئىدى ئۆتكۈر كۆزى.
ساقلاپ ئامبار ئاشلىقىنى،
تۇتتى ئوغرى باشلىقىنى.
ئېچىپ يىغىپ، قىلدى سوراق،
قېتىپ قالدى ئاسلان، بىراق...
- توۋا، موللا چاشقانغۇ بۇ!
تەگمەيتتىغۇ چەش - دانغا ئۇ!...
دېدى ئانا: - ئۆتكەن يىلى
چاڭ سالغان بۇ چەشكە خېلى.
ئامباردا جەڭ بولغان چاغدا،
قۇيرۇقىدىن بولغان جۇدا...
- توۋا، - توۋا! - دېدى ئاسلان،
ياقىسىنى چىشلەپ شۇئان.
ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئىقرارىنى،
ئەپقاچقان چەش مىقدارىنى،
چۆچۈپ كەتتى قېيىپ بېشى،
مونچاق بولۇپ ئاقتى يېشى:
- چۈشۈپتۇمەن يەنە دامغا،
قانداق قاراي ئانا، ساڭا؟!
ئۆلەي دېدىم ئىزاغا مەن،
ياۋنى چىللاپ غىزاغا مەن.
بوپتۇ كاللام ئېغىر يارا،
تاپقىن داۋا، جېنىم ئانا.
بەڭباشلىقنى تاشلاي ئەمدى،
يېڭى ھايات باشلاي ئەمدى...
دېدى ئانا بېرىپ ئىلھام:
- قەددىڭنى تىك رۇسلا، قوزام.
ئېچىلىپتۇ ئاخىر كۆزۈڭ،
ئاشسۇن ئىشقا قىلغان سۆزۈڭ.