كۈدە بىلەن قىياق
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
كىچىك بىر پارچە ئېتىزدىكى تەكشى ۋە بولۇق ئۆسكەن يۇمران كۈدىلەر باھار شامىلىدا مەيىن يەلپۈنۈپ، خۇشاللىقىدىن شىۋىرلىشىپ كېتىپتۇ. ئېتىز قىرىدا تۇرغان قىياقلار كۈدىلەرنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىنى كۆرۈپ تۇرالماي قاپتۇ - دە، ھەسەت قىلىپ دەپتۇ:
- دەرۋەقە، سىلەر ئىگەڭلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە لايىق ئاينىپ مۇشۇ ھالغا يەتتىڭلار، لېكىن سىلەرنىڭ مۇنداق ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلار كۆپ پەرۋىش قىلىشنى تەلەپ قىلدى، سىلەرنى تېرىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، ئوتاش... ئۈچۈن ئىگەڭلارنىڭ نۇرغۇن جاپالىق مېھنىتى ۋە قىممەتلىك ۋاقتى سەرپ بولدى. ئۇلار سىلەرنى دەپ تۈزۈكرەك ئارام تاپالمىدى، شۇڭا سىلەرنى >پايدىسىدىن زىيىنى كۆپرەك< دېسە بولغۇدەك. بۇنىڭدىن كۆرە سىلەر پەرۋىشكە موھتاج بولماي، بىزدەك ياشىساڭلار بولمامدۇ؟!
- ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋىشكە موھتاج، - دەپتۇ كۈدىلەر قىياقلارنىڭ كۆز قارىشىغا رەددىيە بېرىپ، پەرۋىشلەنمىسە، پايدىلىق نەرسىلەر راۋاجلىنىپ كامالەتكە يېتەلمەيدۇ. سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئىستېمالى ئۈچۈن بىزگە ئوخشاش كېرەكلىك بولمىغانلىقىڭلاردىن پەرۋىشكە لايىق ئەمەسسىلەر، سىلەردەك قىممىتى بولمىغان نەرسىلەرنى كىممۇ پەرۋىش قىلسۇن؟!
قىياقلار كۈدىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇجۇقۇپ كېتىپتۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ قەدىرسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالماپتۇ.