UyghurWiki
UyghurWikiماسالگۆش چىشلىگەن ئىت

گۆش چىشلىگەن ئىت

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر پارچە گۆشنى چىشلەپ ئۆستەڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىت سۇدىكى كۆلەڭگىسىنى كۆرۈپ: باشقا بىر ئىت تېخىمۇ يوغان بىر پارچە گۆش چىشلەپ كېتىۋاتقان ئوخشايدۇ، - دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئاغزىدىكى گۆشنى تاشلاپ، سۇدىكى گۆشكە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككىسى يوق بوپتۇ. ئاۋۇ بىر پارچە گۆش ئەسلىدە يوق بولغاچقا، ئۇنى سۈۈۋالالماپتۇ. بۇ بىر پارچە گۆشنىمۇ سۇ ئېقىتىپ كېتىپتۇ
← بارلىق تېمىلار ماسال