UyghurWiki
UyghurWikiماسالئۆچۈرگۈچ بىلەن قېرىنداش

ئۆچۈرگۈچ بىلەن قېرىنداش

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئاچچىقلاندى بىر كۈنى، ئۆچۈرگۈچكە قېرىنداش: - نۇقسان تېپىپ تۇرىسەن، ئىشلىرىمدىن، ئەي ئاداش! گاھى قىلغان ئىشىمنى، كۆزۈڭ يوقتۇر كۆرۈشكە. تاقىتىممۇ قالمىدى، سېنىڭ بىلەن يۈرۈشكە... دېدى شۇ چاغ ئۆچۈرگۈچ: - توغرا چۈشەن كۆڭلۈمنى. ئاسرىمىسام بولامدۇ، سەندەك ياخشى دوستۇمنى. مېنىڭ ئىشىم، سەن قىلغان - كەمچىلىكنى كۆرسىتىش. سېنى ئاسراپ ھەر دائىم، خاتالىقنى تۈگىتىش. مېڭىۋەرسەڭ بايقىماي، قەدىمىڭنى - يولۇڭنى؛ يوقاتمامسەن ئاخىرى، نەتىجەڭنى - رولۇڭنى... ئۆچۈرگۈچنىڭ سۆزىگە، قايىل بولدى قېرىنداش. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى، بولدى يەنە جان ئاداش.
← بارلىق تېمىلار ماسال