UyghurWiki
UyghurWikiماسالمەش بىلەن كۆمۈر

مەش بىلەن كۆمۈر

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى مەش ئىچىدە لاۋۇلداپ كۆيۈپ ئىسسىقلىق چىقىرىۋاتقان كۆمۈر ئۆزىنى ئىنتايىن چوڭ تۇتۇپ: - ئەي مەش كۆردۈڭمۇ؟ مەن شۇنداق يۇقىرى ھارارەت چىقىرىمەن. ئەگەر مەن بولمىسام كىممۇ سېنىڭ يېنىڭغا كەلسۇن، - دېدى. - سەن ئۆزۈڭنىڭ كىمنىڭ قوينىدا كۆيۈۋاتقانلىقىڭنى ئۇنتۇما، - دېدى مەش تەمكىنلىك بىلەن. - گېپىم گەپ، مەن ئىسسىقلىق چىقارمىسام ھېچكىم ساڭا يېقىنلاشمايدۇ. بۇ گەپتىن غەزەپلەنگەن مەش شۇنداق يېرىلىۋىدى، كۆيۈۋاتقان كۆمۈر تەرەپ - تەرەپكە چېچىلىپ، ئاستا - ئاستا ئۆچۈشكە باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن ئۆي ئىگىسى كىرىپ چېچىلىپ ياتقان كۆمۈرلەرنى سۈپۈرۈپ ئەخلەت ئازگىلىغا تۆكۈۋەتتى.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ماسال