UyghurWiki
UyghurWikiماساليولۋاسنىڭ ھۆكۈمى

يولۋاسنىڭ ھۆكۈمى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى كەپتۇ ئورماننىڭ شاھى، يولۋاسقا بىر شىكايەت. پاش قىلىنىپ تۈلكىباي، سادىر قىلغان جىنايەت: - ھارامزادە تۈلكىباي، بىر ئورمانغا بولدى باش. قىلمىشلىرى بەك ئوسال، باغرى ئۇنىڭ خۇددى تاش. باشقىلارنىڭ رىزقىنى، ئالار دائىم توغرىلاپ. ياخشىلىقچە بەرمىسە، كېچىلىرى ئوغرىلاپ. مەھرۇم بولدى توخۇلار، ئۆز ئىختىيار، مەيلىدىن. توسالمىدى تۈلكىنى، ھېچكىم ياۋۇز پەيلىدىن. ئۇقۇپ ئۇنى يولۋاسباي، ئويلاپ قاپتۇ بىر ھازا. تۈلكىبايغا پىچىپتۇ، كېلىشتۈرۈپ بىر >جازا<. تەستىق ساپتۇ يولۋاس شاھ، شىكايەتكە شۇ ھامان. تۈلكىبايغا قارىتىپ، چۈشۈرۈپتۇ بىر پەرمان: >بۇ ئىش راستمۇ، يالغانمۇ، ئۆزۈڭ تەكشۈر، ئېنىق قىل. لېيىپ كەتكەن سۈيۈڭنى، سۈزۈلدۈرۈپ تىنىق قىل...< تۈلكە كۆرۈپ تەستىقنى، ئاپتۇ دەررۇ ئۆچىنى. تەييارلاپتۇ جاۋابقا، بەش توخۇنىڭ گۆشىنى.
← بارلىق تېمىلار ماسال