بىر پارچە تۆمۈر
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر پارچە تۆمۈر ئوچاققا تاشلانغاندىن كېيىن:
- كۆيۈپ ئۆلىدىغان بولدۇم! كۆيۈپ ئۆلىدىغان بولدۇم! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- مەنلا سېنىڭ قەلبىڭنى ساپ قىلىپ تاۋلاپ چىقالايمەن، - دەپتۇ ئوت.
قىپقىزىل تۆمۈر پارچىسى سەندەل ئۈستىگە قويۇلۇشىغىلا بازغان ئۇنى شىددەت بىلەن ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. تۆمۈر پارچىسى يەنە:
- ۋاي يانجىلىپ ئۆلىدىغان بولدۇم! يانجىلىپ ئۆلىدىغان بولدۇم! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- پەقەت ئۇرۇش ئارقىلىقلا سېنى كېرەكلىك ماتېرىيال قىلىپ چىققىلى بولىدۇ، - دەپتۇ بازغان.
تۆمۈر پارچىسى بازغاننىڭ ئۇرۇۋېرىشى نەتىجىسىدە ناھايىتى تېزلا بىر ئورغاق بولۇپ سوقۇلۇپ چىقىپتۇ. يېڭى پۈتكەن ئورغاق سۇغا تىقىلىپتۇ.
- ۋاي، تۇنجۇقۇپ ئۆلىدىغان بولدۇم! تۇنجۇقۇپ ئۆلىدىغان بولدۇم! - دەپ زارلاپتۇ ئورغاق يەنە.
- سەن ماڭا چۆكسەڭلا ئاندىن قاتتىق سۈركىلىشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، بىسىڭ مەڭگۈ قايرىلمايدىغان بولىسەن، - دەپتۇ سۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.