شاخ سانىغۇچ نېمە ئۈچۈن ماكانسىز قالدى؟
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
شاخ سانىغۇچ باشقا قۇش - قاناتلارنىڭ مەسلىھەت ۋە نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي، پۈتۈن بىر يازنى ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونۇپ، ئۇۋا سېلىشقا ئەپلىك جاي تاللاش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئۇ ئۇۋىنى ئېگىزرەك شاخقا سالاي دېسە، بالىلىرىنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىشتىن؛ پەسرەك شاخقا سالاي دېسە، مۈشۈك يەپ قويۇشتىن؛ قويۇق چاتقاللىقنىڭ ئىچىگىرەك سالاي دېسە، ھاۋا ئۆتۈشمەي تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قېلىشتىن؛ چەترەك سالاي دېسە، كەپسىز بالىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىپ ئارام بەرمەسلىكىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇ سەۋەبتىنمىكىن، شاخ سانىغۇچقا ھامان بۇ شاخ ئۇ شاختىن ئېگىزرەك، ئۇ شاخ بۇ شاختىن پەستەك، بۇ چاتقاللىق ئۇ چاتقاللىقتىن قويۇقتەك، ئۇ چاتقاللىق بۇ چاتقاللىقتىن چەتتەك بولۇپ كۆرۈنەتتى، شۇڭا ئۇ ياز بويى بىر قارارغا كېلەلمەي شاخمۇ شاخ، چاتقاللىقمۇ چاتقاللىق ئۇچۇپ يۈردى. ھەش - پەش دېگۈچە كۈز، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قىش يېتىپ كەلدى. باشقا قۇش - قاناتلار بالا - چاقىلىرى بىلەن ئىسسىق ئۇۋىسىدا راھەتلىنىپ ياتقاندا، بىچارە شاخ سانىغۇچ سۆڭەك - سۆڭەكتىن ئۆتۈپ كەتكۈدەك قەھرىتان سوغۇقتا توڭلاپ قالدى.