بۆرە بىلەن ئاق تۇرنا
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر بۆرىنىڭ كانىيىغا بىر تال سۆڭەك تۈرۈپ قاپتۇ. بۆرە كەينى - كەينىدىن كۈچەپ يۆتەلگەن بولسىمۇ، سۆڭەك يەنىلا چىقماي تۇرۇۋاپتۇ. بۆرە نائىلاج ئاق تۇرنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يالۋۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ:
- دوستۇم، بىز ئىككىمىز بىر ئورمانلىقتا ياشايمىز، ھازىر سەن قوشنىدارچىلىق مەجبۇرىيىتىڭنى بىر ئادا قىلىپ قويساڭمۇ بوپتىكەن! كانىيىمغا بىر تال سۆڭەك تۈرۈۋالدى، بۇ مېنىڭ ھايات - ماماتىمغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا سەن ئۇزۇن تۇمشۇقۇڭ بىلەن سۆڭەكنى ئېلىۋەتكىن، مەن سېنىڭ بۇ قىلغىنىڭنى ھەرگىزمۇ يەردە قويمايمەن، نېمە دېسەڭ شۇنى بېرىمەن.
ئاق تۇرنا ماقۇل بوپتۇ - دە، تۇمشۇقىنى ئۇزۇن سوزۇپ بۆرىنىڭ كانىيىغا سېلىپ، سۆڭەكنى >كاپ< قىلىپ چىشلەپ تارتىۋاپتۇ.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۆرە بىر ياۋا ئېشەكنى تۇتۇۋېلىپ، دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ راسا يېگىلى تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئاق تۇرنا ھۆرمەت - ئېھرام بىلەن بۆرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- بۈگۈن مەب بەكمۇ ئاچ قالدىم، گۆشتىن ماڭىمۇ بىر پارچە بەرگىنە! - دەپتۇ. بۆرە ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىپتۇ. ئاق تۇرنا ئالدىرىماي - تېنىمەي سۆزلەپ، بۆرىنىڭ كانىيىغا سۆڭەك تۈرۈپ قالغان چاغدىكى ئىشنى تىلغا ئاپتۇ، ئەمما بۆرە بولسا ئاق تۇرنىغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
- ئەي، ئەخمەق! تۇمشۇقۇڭنى كانىيىمدىن ئامان - ئېسەن چىقىرىۋەتتىم، مۇشۇ ئىنئامنىڭ ئۆزىمۇ تېخى ئازمىكەن؟ - دەپتۇ.